ساز ئاۋازى نازۇ نېمەتلەرگە جور بولۇپ، دېھقانلار ئارامگاھى شادلىققا چۆمدى

日期:2020年12月04日
来源:天山网
【字体:

بايان قىلغۇچى: چۆچەك شەھىرى ئاشىل داغۇر يېزىسى شىنكىنباق كەنتىنىڭ ئاھالىسى لۇ شىنشوۋ

خاتىرىلەپ رەتلىگۈچىلەر: چۆچەك گېزىتى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن زېڭ جاۋمېي، لى دەن

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: بۇ بىر قانچە يىلدا كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى چوڭ بولدى، توپىلىق يوللار ئاسفالت يولغا ئايلاندى، پىيادىلەر يولىغا رەڭلىك خىش ياتقۇزۇلدى، يول چىراغلىرى تولۇق ئورنىتىلدى، قاتناش تېخىمۇ قولايلاشتى، كەنتلەر چىرايلىق بولۇپ كەتتى، مەنمۇ دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىش ئويىدا چىڭ تۇردۇم.

2019-يىلى 11-ئايدا، مەن ئۆيۈمدىكى ئۈچ ئېغىز ئۆينى ئايرىمخانا قىلىپ بېزىدىم، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئېغىز ئۆيگە ئېلېكتىرونلۇق رويال قويۇپ، مىكروفون ۋە ياڭراتقۇ ئۈسكۈنىسى ھەم ھەر مىللەت ئاممىسى ياخشى كۆرىدىغان نەچچە يۈزلىگەن ناخشىنى تەييارلىدىم. مەن چوڭ ئاشپەز بولدۇم، خوتۇنۇم سەيچى ھەم مۇلازىمەتچى بولدى، دېھقانلار ئارامگاھى مۇشۇنداق ئېچىلدى.

قورۇما قورۇپ بولغاندىن كېيىنكى بوش ۋاقىتلاردا ياكى خېرىدارلار تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، مەن خېرىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئېلېكتىرونلۇق رويال چالىمەن، خېرىدارلار ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرسە تەڭكەش قىلىمەن، ئۇسسۇل ئوينىغۇسى كەلسە ئۇسسۇل مۇزىكىسى چالىمەن، مەيلى ئاممىباب ناخشىلار، رۇسىيە خەلق ناخشىلىرى ياكى داغۇر ناخشىلىرى بولسۇن، مەن بىر نەچچە مۇزىكا چىلىپ، ئوخشاش بولمىغان خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىمەن.

ئېلېكتىرونلۇق رويالنى مەن ئۆزۈم ئۆگەنگەن. دەسلەپتە چۆچەك يېزا سودا بانكىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ بېرىش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى زو چاۋمىڭ ماڭا بىر مۇزىكا نوتىسى كىتابى سوۋغا قىلىپ، ئۆگىنىش ئىشەنچىمنى چىڭىتتى.

مەن ئېلېكتىرونلۇق رويال چىلىشنى ياخشى كۆرىمەن، ئۆزۈم ئىجاد قىلغان دېھقانلار قورۇمىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن. بىزنىڭ ئۆينىڭ قورۇمىلىرىنى مەن ئۆزۈم ئىجاد قىلغان بولۇپ، داپەنيۈ، گەنبىيەنجى، ئۆزگىچە ئۆردەك قورۇمىسى، پېنپېن خوگوسى قاتارلىق 10 نەچچە خىل چوڭ تەخسىلىك قورۇما ۋە 20 نەچچە خىل قورۇما بار، توخۇ، ئۆردەك، غاز، كالا گۆشى ۋە تۈرلۈك كۆكتاتلار كەنتتىكى دېھقانلار ھويلىسىدىن كەلتۈرۈلگەن.

قورۇمىلارنىڭ باھاسى قىممەت ئەمەس، خېرىدارلار بۇ يەردە كۆڭۈللۈك غىزالىنىپ، كۆڭۈللۈك ئوينايدۇ. كونا خېرىدارلارنىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىتىشىغا ئەگىشىپ، باشقا نۇرغۇن كەنت، يېزا-بازار، ھەتتا شەھەرلەردىكى كىشىلەرمۇ بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدى، ھازىر بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تاماق يېيىشنى ئالدىن زاكاز قىلىشى كېرەك.

بىر يىلدىن بۇيان، مەن 100 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم، يەنە باشقا كەنت ئاھالىلىرىنى كۆكتات تېرىش، توخۇ، ئۆردەك، غاز بېقىشقا يېتەكلەپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇردۇم، بۇنىڭ بىلەن دېھقانلار ئارامگاھىمنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.

مەن دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان بۇ بىر يىلدا، خىزمەت ئەترىتى ماڭا نۇرغۇن ياردەم قىلدى، تەشۋىق قىلدى، مېنى ياخشى ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى، دوستلىرىنى باشلاپ كېلىپ سورۇننى قىزىتىپ مېنى قوللىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى مېنىڭ ياخشى دوستۇمغا ئايلاندى، ئۇلار مېنىڭ يېتەكلىشىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىمنى ئۈمىد قىلدى، مەن مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، داۋاملىق غەيرەت قىلىمەن.

ھەر كۈنى گۇگۇم چۈشكەندە، دەرۋازىمىزغا ئېسىلغان قىزىل پانۇسلار يورۇغاندا، شامالدا ئىرغاڭلاپ ناھايىتى جانلىق كۆرۈنىدۇ. گۈزەل، پاكىز ھويلا بۇ چاغدا باشقىچە ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.