پايتەختتىن «قار شەھىرى»گە ئايروپىلاندا بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ

日期:2020年12月04日
来源:天山网
【字体:

12-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بېيجىڭ-شىئەن-ئالتاي MU7031 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئالتاي ئايرودۇرۇمىغا قوندى.(ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ئالەي فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 15تىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بېيجىڭ-شىئەن-ئالتاي MU7031 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئالتاي ئايرودۇرۇمىغا قونۇپ، ئالتاي بىلەن بېيجىڭ ئارىلىقىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك MU7031 ئايروپىلانىدا 97 ساياھەتچى ئولتۇرغان بولۇپ، شۇ كۈنى سائەت 8:00دە بېيجىڭ داشىڭ ئايروپورتىدىن ئۇچۇپ، سائەت 15:35 ئۆتكەندە ئالتاي ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى، ئارىلىقتا شىئەندە توختىغان بولۇپ، ئۇچۇش ۋاقتى جەمئىي يەتتە سائەت 35 مىنۇت بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى يەنە راۋان يول سوۋغاتلىقلىرىنى تەييارلىغان بولۇپ، ھازىر بېرىش-كېلىش بېلەت باھاسى ئوتتۇرىچە 700 يۈەن بولغان.

ساياھەتچى تېڭ شۆفېڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشتا، بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان بولسا ناھايىتى قولايلىق بولىدىكەن، شۇڭا شىنجاڭنى يىراق ھېس قىلمىدىم، ئالتاينىڭ ساپ ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ بەك ھۇزۇرلاندىم، دوستلار بىلەن بىللە قار تېيىلىغىلى بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالتاي-شىئەن-بېيجىڭ بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ھەر كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «قار شەھىرى» دەپ نام ئالغان ئالتاي شەھىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «قار-مۇزلۇقنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق» ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «300 مىليون كىشىنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەش» چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولدى.