كۆمۈر كاندا يىلتىز تارتقان «ياخشى يىگىت»

日期:2020年12月04日
来源:天山网
【字体:

  مەمەتئېلى روزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرىتى.

تىيانشان تورى خەۋىرى:شىنجاڭ ئېنېرگىيە شىركىتى ۋۇدۇڭ كۆمۈر كېنى ماشىنا-ئېلېكتىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى مەمەتئېلى روزى ئۆلچەملىك «2-ئەۋلاد كۆمۈر كان خادىمى» ئىدى، دادىسى ليۇداۋان كۆمۈر كېنىدا بىر ئۆمۈر ئىشلەپ، بەش بالىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتقانىدى. بالىلارنىڭ ئالتىنچىسى بولغان مەمەتئېلى روزى 1994-يىلى شىنجاڭ 1-ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭماشىنىسازلىق كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەكتەپتە ئىشلەشتىن ۋاز كېچىپ، كۆمۈر كانغا كەلدى. «گەرچە كۆمۈر كاننىڭ خەتەرلىك كەسىپ ئىكەنلىكىنى، شارائىتىنىڭ جاپالىقىنى بىلسەممۇ، مۇشۇ كەسىپ بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاندىن جاپانىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي بىلدىم» دېدى مەمەتئېلى روزى.

 مەمەتئېلى روزى قۇدۇق ئاستىدا نۆۋەتچىلىك قىلماقتا.

ليۇداۋان كۆمۈر كېنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى قۇرۇلغان، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن، ئۈسكۈنىلىرى كونىراپ، تولا كاشىلا چىقىدىغان بولۇپ قالدى، خىزمەت مۇرەككەپ ئىدى. ئۇنىۋېرسال قېزىش 1-ئەترىتىنىڭ ماشىنا-ئېلېكتىر تېخنىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەمەتئېلى روزى ھەر كۈنى قۇدۇققا چۈشۈپ نۆۋەتچىلىك قىلاتتى. خىزمەتكە قاتناشقان ئون يىلدا، ئۇ ماشىنا-ئېلېكتىر تېخنىكىلىق رولىنى ئەستايىدىل پۇختا جارىي قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىشتا بىرەر قېتىممۇ بىخەستەلىك قىلمىدى. 2003-يىلى، جىنچۈەن كۆمۈر كېنى قۇرۇلۇشقا باشلىغاندا، مەمەتئېلى روزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملىتىپ، يۈك-تاقلىرىنى يۈدۈپ يۇرتىدىن ئايرىلىپ كورلىنىڭ چەت رايونىغا باردى.

بۇ چۆل-جەزىرە ئۇنىڭغا كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى. بىرىنچى تۈركۈمدىكى قۇرۇلۇشچىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئادەم كۈچى ئاز، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇشتەك قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، ئۇ شۇنى ئېنىق چۈشىنىدۇكى: تېخنىك خىزمىتى ئەمەلىي ئىشلەيدىغان خىزمەت، شۇنداقلا پۇختىلىقنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت. ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ئۈچۈن، ئۈسكۈنىلەرنى يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىپ رېمونت قىلىپ، ئاندىن قۇدۇققا چۈشۈپ ئورنىتىشقا توغرا كەلگەچكە، ۋاقىت ۋە كۈچ كېتەتتى، ئىش تەرتىپى مۇرەككەپ ئىدى. مەمەتئېلى روزى مىخانىكىلىق پىشاڭ پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، بولت چيەنجىن ياساپ، ئۈسكۈنىلەرنى قۇدۇق ئاستىدىلا چۇۋۇش، رېمونت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئۈسكۈنە رېمونت قىلىش ۋاقىت زور دەرىجىدە قىسقاردى.

 مەمەتئېلى روزى خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرمەكتە.

2019-يىلى، ۋۇدۇڭ كۆمۈر كانىنىڭ 300 تىپلىق كۆمۈر قېزىش ماشىنىسىنىڭ چاستوتا ئۆزگەرتكۈچىسىدە كاشىلا كۆرۈلدى، بۇ ئەسۋابنى ئىشلەپ چىقارغان زاۋۇتنىڭ دېيىشىچە، ئاساسلىق كونترول قىلىشDSPسى بۇزۇلغان، رېمونت قىلىشقىمۇ بولمايدۇ، قايتىدىن سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدىكەن. چاستوتا ئۆزگەرتكۈچ باھاسىنىڭ قىممەت، سېتىۋېلىپئەكىلىشكىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزەتتى. بۇ ۋاقىتتا، مەمەتئېلى روزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىككى سائەتتىلا، «براك قىلىندى» دەپ دىياگنوز قويۇلغان بۇ ئۈسكۈنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك رېمونت قىلىپ، كان ئۈچۈن 1 مىليون 400 مىڭ يۈەنگە يېقىن مەبلەغنى تېجەپ قالدى.

26 يىلدىن بۇيان كۆمۈر كاندا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، چەت يىراق كان رايونىدا 15 يىل چىڭ تۇرۇپ ئىشلىگەن مەمەتئېلى روزى پۈتۈن كۈچى ۋە زېھنىنى خىزمەتكە سەرپ قىلغانىدى. 15 يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ ئۆيگە قايتقان قېتىم سانى ساناقلىقلا ئىدى، ھەر قېتىم ئۆيىگە قايتىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغاندىمۇ، خىزمەت تېلېفونى ئۈزۈلمەيتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كاندىن چىقمايدىغانلا بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا بىر خىل «پاراۋانلىق»قا ئېرىشتى، ئۇ بولسىمۇ خوتۇنى بالىسىنى ئېلىپ كانغا كېلىپ ئۇنى يوقلايدىغان بولدى، خوتۇن-بالىلىرىنى كۆرۈپ، خۇتۇنى ئەتكەن تاماقنى يىگەن ۋاقىت، ئۇنىڭ ئەڭ بەختلىك چاغلىرى ئىدى.

2020-يىلى مەمەتئېلى روزى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. خىزمەتداشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى بەس-بەستە ئۇنى تەبرىكلىدى، چۇڭچىڭدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزى ئۇنى ماختىدى ھەمدە: «دادا، سىزدىن پەخىرلىنىمەن! » دېدى.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى رۇستەم، ۋاڭ شياۋيەن