تەنھەرىكەت مەيدانىنى يېڭىلاپ، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى كۆپەيتتى، خىزمەت ئەترىتى مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا ياردەم بەردى

日期:2020年12月04日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، جەنۇبىي ساي يولى شەرقىي مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ، يېڭىلانغان ئۇسسۇل مەيدانى، ئىستىراھەت مەيدانى ۋە ۋاسكېتبول مەيدانىدا چېنىقتى.

بۇ ئۈچ مەيدان جەنۇبىي ساي يولى 998-نومۇرغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 1500 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، 11-ئاينىڭ 15-كۈنى يېڭىلانغان، ۋاسكېتبول مەيدانىنىڭ تاختىيى ئالماشتۇرۇلغان، ئىككى كىچىك مەيدانغا چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى تولۇقلانغان.

تىيانشان رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ جەنۇبىي ساي يولى شەرقىي مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى شيەنفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ كونا مەھەللە، تەنھەرىكەت مەيدانى كونىراپ كەتكەن، تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى ئاز، ۋاسكېتبول مەيدانىنىڭ سېمونت يۈزى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان، ئاھالىلەر بۇ يەرنى يېڭىلاپ ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلدى. خىزمەت ئەترىتى ئاھالىلەرنىڭ ئارزۇ تەلىپىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، مەخسۇس مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەيداننى يېڭىلاپ، ئەسلىھەلەرنى كۆپەيتتى ھەم بالىلار سىيرىلغۇچ ۋە شياڭچى ئۈستىلى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، خىزمەت ئەترىتى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ھەر قايسى جەمئىيەتتىن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغان.

(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى)