دۆلەتنىڭ 2-تۈركۈمدىكى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

日期:2020年12月04日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 18 كارخانا تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 2-تۈركۈمدىكى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن 18 كارخانا دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭلىق بىلەن، شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانىدىن 23ى بار بولدى.

شىنجاڭدىن دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئۆزگىچە، يېڭى «كىچىك گىگانت» كارخانا بولۇپ تاللانغان كارخانىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىچە: شىنجاڭ جىرۈيشياڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ لەنشەن تۇنخې قېلىپلاشقان ماتېرىياللار چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خۇامېي ۋېييې يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ماتېرىيالى چەكلىك شىركىتى، كۇچا شىنچياۋ باشقۇرۇش كەسپى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىنزىيۈەن بىيولوگىيىلىك دورا ياساش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭچاۋ يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ دېئەن مۇھىت ئاسراش پەن-تېخنىكا ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى، شۈرى مۇھىت ئاسراش گۇرۇھى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ توغراق كابېلى ياساش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى، شىنجاڭ بىشۇييۈەن مۇھىت بايلىقى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى، دېلەن سۇ تېخنىكىسى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ زىجىن سىنكچىلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ خۇاشىدەن دورىگەرچىلىكى ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ لوڭپىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا خۇڭئەن تەبىئىي پىگمېنت چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ رۇڭزې ئاليۇمىن ياپراقچىسى ياساش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ تيەنخۇڭجى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جېدا قۇياش نۇرى بىئو پەن-تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى.