شىنجاڭدىكى تۇنجى يەر ئاستى تۇرۇبا كارىدورىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش ماشىنا ئادىمى «ئىشقا چۈشتى»

日期:2020年11月27日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلارۋاڭ يى، شياۋ يۈتىڭ، سۇڭ دېيى فوتوسى، خەۋىرى): ئۈرۈمچى شەھىرى 220 كىلوۋولتلۇق سەنگۇڭ تىرانسفورموتور ئىستانسىسىنىڭ 110 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر كۈچى يەر ئاستى تۇرۇبا كارىدورى ئىچىدە، بىر ئاق رەڭلىك ماشىنا ئادەم ئىككى كامېرا «كۆزى» ئارقىلىق ئەتراپتىكى مۇھىت ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئايلىنىش ئۆزگىرىشىنى خاتىرىلەپ تەكشۈرۈۋاتاتتى، بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى يەر ئاستى تۇرۇبا كارىدورىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاشماشىنا ئادىمىنىڭ خىزمەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ شىركەت كىرگۈزگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاشماشىنا ئادىمى11-ئاينىڭ 23-كۈنى رەسمىي ئىش ئورنىغا چىققان.

شىنجاڭدىكى تۇنجى يەر ئاستى تۇرۇبا كارىدورى ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش ماشىنا ئادىمى ئىشقا چۈشتى.

باھاسى مىليون يۈەنلىك بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش ماشىنا ئادىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 100 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 40 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 34 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئۇنى كىچىككەن دەپ سەل قارىماڭ، ئۇنىڭ بىر كۈندە قىلىدىغان ئىشى 36 ئادەمنىڭ خىزمەت مىقدارىغا تەڭ كېلىدۇ.

بۇ، «كۆرۈش سېزىمى» ئېنىق ۋە «پۇراش سېزىمى» سەزگۈر بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاشماشىنا ئادىمىغا كۆرگىلى بولىدىغان نۇر، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق كامېرا، گاز ۋە تېمپېراتۇرا، نەملىك سېنزورى سەپلەنگەن بولۇپ، كۆرۈنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىش، ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ئىسسىقلىق تەسۋىرى ھاسىل قىلىش، مۇھىتنى كۆزىتىش قاتارلىق 12 تۈرلۈك ئىقتىدارنى ھازىرلىغان، يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورىدا «ساغلام تەسۋىر كۆچۈرۈش» ئېلىپ بارالايدۇ، ئاندىن سىمسىز سىگنال ئارقىلىق ئارقا سەپتىكى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىنى سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدۇ، كاشىلا ۋە ئاپەتتىن ۋاقتىدا سىگنال بېرەلەيدۇ.

شىنجاڭدىكى تۇنجى يەر ئاستى تۇرۇبا كارىدورى ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلاش ماشىنا ئادىمى ئىشقا چۈشتى.

خىزمەت جەريانىدا، ئۇ تۇرۇبا كارىدورى ئىچىگە ئورنىتىلغان 110 كىلوۋولتلۇق توك يولىنى يەتتە قېتىم24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي كۆزىتەلەيدۇ، كۆزىتىش دەۋرىيلىكىنى ھەر كۈنى ئىككى قېتىم تەكشۈرۈشكە ئۆستۈرۈپ، ئەسلىدىكى ئادەم كۈچى بىلەن بەش سائەتتە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى 12 مىنۇتتا بىر قېتىم تەكشۈرۈشكە ئۆزگەرتىپ، ئۈنۈمىنى 25 ھەسسە ئاشۇرۇلايدۇ.

«ئىلگىرى ھەر 15 كۈندە ئىككىدىن ئۈچكىچە ئېلېكتىر خادىمى تۇرۇبا كارىدورى ئىچىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە لىنىيەسىنى چارلاپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، بۇنىڭغا ۋاقىت ۋە كۈچ كېتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىم ئېتىلگەن بوشلۇقتا داۋاملىق مەشغۇلات قىلغاندا،ئوت ئاپىتى، گازدىن زەھەرلىنىش قاتارلىق بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت ئىدى» دېدى دۆلەت ئېلېكتىر تورى ئۈرۈمچى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى كابېل توشۇشنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت مەسئۇلى جوۋشۇچياڭ.

بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارلىغۇچى ماشىنا ئادەم ئىش ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، ئەسلىدە تۇرۇبا كارىدورى ئىچىدە چارلاپ تەكشۈرىدىغان ئېلېكتىر خادىملىرى پەقەت نازارەت قىلىش مەركىزىدە يىراق مۇساپىلىك نازارەت قىلسىلا بولىدىغان بولدى.

جوۋشۇچياڭ مۇنداق دېدى: «بۇ ماشىنا ئادەم خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، يەر ئاستى تۇرۇبا كارىدورى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە لىنىيەسىنى تەكشۈرۈش ئەندىزىسىدە <ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش>تىن <ئىشتىن بۇرۇن دىياگنوز قويۇش>قىچە بولغان ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كەلگۈسىدە بۇ خىل ماشىنا ئادەملەر ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، خەۋەرلىشىش، يېقىلغۇ گازى قاتارلىق يەر ئاستى تۇرۇبا كارىدورلىرىدا تېخىمۇ كۆپ پەيدا بولىدۇ».