شىنجاڭ قورغاس پورتىدا بۇ يىل چېگرادىن كىرگەن-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 4000دىن ئاشتى

日期:2020年11月27日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر سۈن شياۋشۇڭ): بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەلقئارا دېڭىز تىرانسپورتى، ھاۋا تىرانسپورتى ئەشيا ئوبوروتى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگەئۇچرىدى، ھالبۇكى، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ توشۇش مىقدارى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى رولى گەۋدىلىك بولدى. شىنجاڭقورغاس پورتىدا بۇ يىل چېگرادىن كىرگەن-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 4000دىن ئاشتى.

قورغاس تاموژنىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە، بۇ يىل چېگرادىن كىرگەن-چىققان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 4000دىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىللىق ئومۇمىي ساندىن ئېشىپ كەتكەن. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قورغاس تاموژنىسى، تۆمۈر يول قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مۇلازىمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيەتلىرىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، كارخانىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەن.

قورغاس جيېئەن يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ليۇ كەي مۇنداق دېدى:تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتنىڭ پايدىسىدا، بۇ يىل كارخانىلارنىڭ يۈك تىرانسپورت ۋاكالەتچىلىك كەسپى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىپ، 1-ئايدىن 10-ئايغىچە 600دىن ئارتۇق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، 650 مىڭ توننىغا يېقىن مال ۋاكالىتەن بېجىرىلدى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى خېرىدارلار ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى.

قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش 3-بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لۇڭ تېڭ مۇنداق دېدى:يەر شارىۋى يۇقۇم ئەھۋالى ئاستىدا، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ توشۇش مىقدارى كۆپ، باھاسى تۆۋەن، تۇتىشىدىغان دۆلەت(رايون) كۆپ، مۇقىملىقى كۈچلۈك بولۇش ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ،دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى بارغانسېرى كۆپ كارخانىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.