شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى نۇرغۇن جايلاردا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا ℃8تىن ℃5قىچە تۆۋەنلەيدۇ

日期:2020年11月27日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 28-كۈنى كۈندۈزدىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايون، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئومۇميۈزلۈك قار ياغىدۇ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايون، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى تاغلىق رايون، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايوننىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا ℃5تىن ℃8قىچە تۆۋەنلەيدۇ، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تاباغاتاي ۋىلايىتى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ℃8تىن ℃10قىچە تۆۋەنلەيدۇ؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ. شىمالىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدا بەش بالدىن ئالتە بالغىچە غەربىي شىمال بورىنى چىقىپ، شامال ئېغىزلىرىدا توققۇز بالدىن 10 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ، 30 چاقىرىملىق، 100 چاقىرىملىق شامال رايونىدا پەيتلىك ئەڭ كۈچلۈك بوران كۈچى 11 بالدىن 12 بالغىچە بولىدۇ.