كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا كىرىدۇ! شەنبە كېچىدىن يەكشەنبە كۈندۈزگىچە قاتتىق قار ياغىدۇ

日期:2020年11月27日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن): 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى كۈندۈزدىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنى كېچىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، قومۇل شەھىرىدە ئومۇميۈزلۈك قار ياغىدىكەن. ئەڭ كۈچلۈك ھۆل-يېغىن ۋاقتى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى (شەنبە) كېچىدىن 29-كۈنى (يەكشەنبە) كۈندۈزگىچە بولىدىكەن.