ھەپتە ئاخىرىدا كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا كىرىدۇ

日期:2020年11月27日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر پاتىمە): 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىمالدىن جەنۇبقا سۈرۈلگەن كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 29-كۈنىگىچە ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، جايلاردا بوران چىقىپ، قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.

بۇ قېتىم قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەن مەزگىلدە، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەرقايسى جايلاردا ئومۇميۈزلۈك ئازراق ۋە ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن، شىمالىي قىسىمدىكى تاغ بويلىرى، شەرقىي قىسىم ۋە جەنۇبىي قىسىمدىكى قىسمەن رايونلاردا قاتتىق قار ياغىدىكەن، تېمپېراتۇرا ℃8دىن ℃10قىچە تۆۋەنلەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالتە بال قىيپاش غەرب شامىلى چىقىدىكەن، 7~9 بال ئۆتكۈنچى بوران چىقىدىكەن. رايون بويىچە3~ 10 سانتىمېتىر يىغىندى قار يېڭىدىن كۆپىيىدىكەن،كەڭساي قاتارلىق شىمالىي قىسىمدىكى تاغلىق رايونلاردا يىغىندى قارنىڭ قېلىنلىقى 12 سانتىمېتىردىن ئاشىدىكەن.

11-ئاينىڭ 29-كۈنى كۈندۈزدىن كېچىگىچە، دەريا ۋادىسىدا ھاۋا تۇتۇق، بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسمىدا ئازراق قار ياغىدىكەن، جەنۇبىي قىسمىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال قار ياغىدىكەن،شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن. ھاۋا ئېچىلغاندىن كېيىن، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى تۈزلەڭلىك رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃14- ئەتراپىغا چۈشىدىكەن، موڭغۇلكۈرە، تېكەس، نىلقا قاتارلىق ناھىيەلەرنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃22- ئەتراپىغا چۈشىدىكەن.

ھاۋا رايى تارماقلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: بۇ قېتىمقى بورانلىق، قارلىق،تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىقھاۋا رايى چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، قاتناش، شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئالدىن ياخشى ئىشلىشى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكلىرىغا ۋاقتىدا يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تولۇقلاش، مۇستەھكەملەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى چارۋىچىلار چارۋىنى قوتاندا بېقىشنى ئاساس قىلىپ، ۋاقتىدا يەم-خەشەك قوشۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كەڭساي يول بۆلىكى، شىمالىي قىسىمدىكى تاغ بويلىرى ۋە تاغلىق رايوندىكى بىر قىسىم رايونلاردا قار بىر قەدەر كۆپ ياغىدۇ، بورانلىق ھاۋا رايى تاغلىق رايوندىكى يول بۆلەكلىرىدە قار-شىۋىرغان پەيدا قىلىپ، قاتناشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار قاتناشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئامما سىرتقا چىققاندا سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تارماقلىرى پار بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.