شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى: ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ، «يېڭى» ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات، مۇنەۋۋەر كارخانا، ئەلا سۈپەتلىك ماركىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ

日期:2020年11月26日
来源:天山网
【字体:

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلارۋاڭ نا، جاڭ ۋەندې فوتوسى، خەۋىرى): «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى «شىنجاڭ سۈپىتى» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە تىرىشىش ئارقىلىق، رايون ئالاھىدىلىكى روشەن، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا داڭقى بار«يېڭى» ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات، مۇنەۋۋەر كارخانا، ئەلا سۈپەتلىك ماركىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.

11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىدا ئېچىلغان خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ شياۋنىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون «چوڭ سۈپەت» خىزمەت مېخانىزمىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، سۈپەت كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سۈپەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز مۇكەممەللەشتۈردى، پۈتۈن جەمئىيەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىپ، سۈپەت تەرەققىيات مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇردى.

شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل تەبىئىي بايلىقى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە،ھەتتا خەلقئارادا يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، يېقىشلىق بولغان ئوبرازنى تەبىئىي شەكىللەندۈردى. بۇ ئەۋزەل بايلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرى نۇقتىلىق ھالدا «شىنجاڭ سۈپىتى»نى بەرپا قىلىش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆلچەم ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، تېخنىكا كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئۈچ جەھەتكە كۈچ سەرپ قىلىدۇ.

«ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە تىرىشىش ئارقىلىق، رايون ئالاھىدىلىكى روشەن، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا داڭقى بار <يېڭى> ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات، مۇنەۋۋەر كارخانا، ئەلا سۈپەتلىك ماركىنى يېتىلدۈرۈپ، شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز» دېدى شۈ شياۋنىڭ.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆلچەم ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش جەھەتتە، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋا، رايون خاراكتېرلىك ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكى، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسپىنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ؛ دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ۋە زاپاس ساقلاش بازىسى، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بازىسى قاتارلىق «ئۈچ بازا» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، سانائەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؛ يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيو تېببىي دورا، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش كەسپى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە ئۆزگىچە بايلىقلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ.

تېخنىكا كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، ئۈرۈمچى-سانجى تەۋەلىك رايونى، شىمالىي شىنجاڭ تەۋەلىك رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەلىك رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايون ئاممىۋى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش سۇپىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، توغرا لىنىيەلىك ھەمكارلىشىدىغان، تىك لىنىيەلىك ماسلىشىدىغان تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئىتتىپاقى قۇرۇپ چىقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزى قۇرۇشى قوللاشقا ئېرىشتۈرۈلۈپ، بارلىق ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى ئاساسىي يېمەكلىك تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تەجرىبىخانىلىرى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قاتلىمى ئېنىق، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق بولغان رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سىستېمىسى تېزدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ.