شىنجاڭنىڭ تۆت تۈرلۈك تىپىك تەجرىبىسى گوۋۇيۈەننىڭ 7-قېتىملىق چوڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تەقدىرلەندى

日期:2020年11月25日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شياڭ خەۋىرى): ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، تىپلارنى تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، تارماقلارنى تەشەببۇسكار بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، بەسلىشىپ ئۆگىنىپ ئېشىپ كېتىشتەك جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، يېقىندا گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى 7-قېتىملىق چوڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشتە بايقىغان 43 تۈرلۈك تىپىك تەجرىبە ئۇسۇلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەقدىرلىدى، شىنجاڭ (شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ تۆت تۈرلۈك تىپىك تەجرىبىسى تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

بۇ تۆت تۈرلۈك تىپىك تەجرىبە ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ئاپتونوم رايون باج مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىق، ھەممە يەردە بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى؛ قاراماي شەھىرى سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلققە قولايلىق بولۇش، خەلققە پايدىلىق بولۇشنى ئۆرنەك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ بىڭتۇەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى چېگرا قوغدىغۇچىلارنى يېتىشتۈردى.

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تىپىك تەجرىبە، ئۇسۇللارنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىكى تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق باشلاش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان-ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن 7-قېتىملىق چوڭ ھەيدەكچىلىك قىلىش-تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلەنگەن تىپىك تەجرىبىلەر جەمئىي 43 تۈرلۈك بولۇپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈلگەن 14 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە چېتىلىدۇ.