ئاپتونوم رايون ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈزەش قىشلىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

日期:2020年11月24日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ شىيا): 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئاپتونوم رايون تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، گوۋۇيۈەننىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈزەش قىشلىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا قايتا سەپەرۋەرلىك قىلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇردى، قايتا تەلەپ قويدى، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك، ئىش ھەققى ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەم جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقنى ھەقىقىي قوغدىدى.

شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپ يىلتىزىدىنتۈزەش قىشلىق مەخسۇس ھەرىكىتىدەقۇرۇلۇش ساھەسى ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن پىششىقلاش ياسىمىچىلىق ساھەسىنۇقتىلىق تەكشۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى تۈرلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، شۇنداقلا يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش يوشۇرۇن خەۋپى ئېغىر ساقلانغان باشقا كارخانىلار گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار نېسى قالدۇرۇلغان ئىش ھەققىنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈزەش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىش ھەققى نېسى قالدۇرۇلغانلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، «ئىككىنى نۆللەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، يەنى: 2020-يىلىدىكى ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى تۈرلىرى ھەمدە ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كاپىتالى ھەمكارلىق تۈرىدىكى تۈرلۈك دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دېلولىرىنى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي نۆللەشتۈرىدۇ، باشقا نېسى قالدۇرۇلغان ئىش ھەققى دېلولىرىنى 2021-يىلى چاغاندىن بۇرۇن ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى باشقۇرۇش تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي ۋاقىتتا ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى بەلگىلەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى تۇتۇپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا تىزىملىكتىن ئۆچۈرمەسلىكنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە بىرلىشىپ جازالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قىلىش، سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈش ياكى ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلاردىن ئاممىۋى ۋەقە ياكى چېكىدىن ئاشقان ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش «قارا تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈپ، بىرلىشىپ جازالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرغان چوڭ دېلولارنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈزەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.