شىنخۇا تورى خەۋىرى: دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى 10 ئايدا، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي توك چىقىرىش مىقدارى 187 مىليارد 700 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ 50 مىليارد 960 مىليون كىلوۋات سائەت توك چىقارغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشقان.