بۈگۈن ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلاردا قار ياغىدۇ

日期:2020年11月24日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ مېڭفەن): بۈگۈن(11-ئاينىڭ 24-كۈنى) ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسىم تاغلىق رايونى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسىم تاغلىق رايونى قاتارلىق قىسمەن جايلاردا ئازراق قار ياغىدۇ، قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال قار ياغىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا بەزىدە ھاۋا ئوچۇق، بەزىدە بۇلۇتلۇق بولىدۇ، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ ئازراق قار ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃5-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃9- بولىدۇ، ئۈچ بالشامال چىقىدۇ.

بۈگۈن ئازراق قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30، G312 لىنىيەسىنىڭ قورغاستىن جىڭغىچە بولغان بۆلىكى، كۈيتۈندىن داۋانچىڭغىچە بولغان بۆلىكى، G3016، G218 لىنىيەسىنىڭ غۇلجىدىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ كۈيتۈندىن ئاغىغىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ بوزياردىن قونجىراپقىچە بولغان بۆلىكى، G219 لىنىيەسىنىڭ كۆكياردىن جيېشەن داۋىنىغىچە بولغان بۆلىكى.