ئېيىق پەيدا بولدى! شىنجاڭ ئالتۇنتاغدا ئىككى قوڭۇر ئېيىق باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتىنىڭ ماددىي ئەشيالىرىنى «ئوغرىلىدى»

日期:2020年11月24日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ شياۋلۇڭ): يېقىندا، شىنجاڭ ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا «ئېيىق پەيدا بولۇش» ۋەقەلىكى يۈز بەردى: ئىككى دانە قورامىغا يەتكەن قوڭۇر ئېيىق كېچىدە، مۇھاپىزەت رايونىدىكى باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتىغا كىرىپ، ئاشخانا ۋە ساقلاش ئۆيىدىكى بىر خالتا ئۇن ۋە بىر قىسىم چۈشلۈك گۆش كونسېرۋاسىنى «ئېلىپ ماڭدى». بەختكە يارىشا، بۇ قېتىملىق قوڭۇر ئېيىق «ئوغرىلىق» ۋەقەسىدە كىشى ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.

11-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، ئىككى يېتىلگەن قوڭۇر ئېيىق دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتى ئەتراپىدا ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى. 11-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە، قوڭۇر ئېيىق بىر ئۆينىڭ دېرىزىسىنى بۇزۇپ، ئاشخانا، ساقلاش ئۆيىگە كىرىپ «دېلو سادىر قىلغان.» بەختكە يارىشا بۇ ئۆيدە قىش پەسلىدە ئادەم تۇرماي، پونكىتتىكى تۆت قوغداش خادىمىنىڭ ھەممىسى يېقىن ئەتراپتىكى يەنە بىر ئۆيدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغان.

مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گۇڭ جۈنشېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇھاپىزەت رايونى مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى، ئومۇمىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى، مۇھاپىزەت رايونىدىكى تىبەت بۆكىنى، تىبەت ياۋا ئېشىكى، ياۋا قوتازنىڭ سانى 2012-يىلىدىكى 70 مىڭ تۇياقتىن 100 مىڭ تۇياققا كۆپەيدى، «تۈرلۈك كىچىك تىپتىكى غاجىغۇچى ھايۋانلارنىڭ سانى ئاشقان ئەھۋال ئاستىدا، قوڭۇر ئېيىقنىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە كۆپەيدى، بىز چارلاش جەريانىدا بىر كۈندە 15 قوڭۇر ئېيىققا يولۇقتۇق.».

«قوڭۇر ئېيىق دېڭىز يۈزىدىن 4500-5000 مېتىر ئېگىزلىكتە ياشايدۇ، يېتىلگەن قوڭۇر ئېيىقنىڭ تەن كەڭلىكى 1.2 مېتىر، بوي ئېگىزلىكى 1 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 100 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ، تېنى قاۋۇل ھەم كۈچلۈك، بېشى كەڭ، تۇمشۇقى ئۇچلۇق ھەم ئۇزۇن، تەرەققىي قىلغان چىشلەش مۇسكۇلى، ئۆتكۈر چىشى ۋە تىرنىقى بار. ئۇلارنىڭ مىجەزى ۋەھشىي بولۇپ، ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ، مۇھاپىزەت رايونىدىكى بۆرە ۋە تۈلكىلەرمۇ ئۇنىڭغا تېگىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ.» دېدى مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېگىزلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە تەبئەتنى قوغداش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ دۇڭخۇا.

شۈ دۇڭخۇانىڭ قارىشىچە، قوغداش رايونىدا قار ياغقانلىقتىن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، نۇرغۇن غاجىلىغۇچى ھايۋانلار قىشلىق ئۆچەككە كىرگەن، ئىككى قوڭۇر ئېيىق تېخى يېمەكلىكلەرنى يېتەرلىك ساقلىمىغانلىقتىن، باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتىغا كېلىپ «ئوغرىلىق» قىلغان، ئۇلارتويغاندىن كېيىن، ئۆڭكۈردە بەش ئايغا سوزۇلغان «قىشلىق ئۇيقۇ»نى باشلايدۇ.

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى شىنجاڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى تۆت مىليون 500 مىڭ گېكتار، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4580 مېتىر، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى چىڭخەي كۆكشىل، شىزاڭ چياڭتاڭ، چىڭخەي ئۈچ دەريا مەنبەسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بىلەن بىرلىكتە دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئېگىزلىكتىكى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى توپىنى شەكىللەندۈرگەن.