شىنجاڭ كۇچا: قىشلىق كۆكتاتتىن ھوسۇل ئېلىندى

日期:2020年11月23日
来源:天山网
【字体:

ھازىر دەل ھەرخىل قىشلىق كۆكتاتلارنىڭ پىشىپ بازارغا سېلىنىش پەسلى، كۇچا شەھىرىنىڭ نۇرغۇن يېزا-بازارلىرىدىكى ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا، دېھقانلارنىڭ ئالدىراش كۆكتات يىغىۋاتقان سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

شىنخۇا تورى تارقاتتى ۋۇ لې فوتوسى

شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى (رۇستەم، ۋۇ لې): شىنجاڭ كۇچا شەھىرى دۆڭقوتان بازىرى تاخماق كەنتىدىكى بەسەي ئېتىزىدا، كۈزلۈك بەسەيلەرنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان بولۇپ، دېھقانلار ئالدىراش بەسەي يىغىۋاتاتتى.

كۆكتاتلارنى كېسىش، تاللاش، تۈرگە ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش قاتارلىق تەرتىپلەر بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ھەممىلا يەردە مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى.