غۇلجا شەھىرى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈردى

日期:2020年11月23日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ما يۈ): بۇ يىل، غۇلجا شەھىرى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا يول تورىنىڭ قاتناش مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلىدى.

يېڭىيەر بازىرىنىڭ ليۇچىدۇەن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ما جۈنۋېي ترانسپورتبىلەن شۇغۇللىناتتى، ئۆيى ئالدىدىكى يول ياسىلىشتىن ئىلگىرى، ھەممە يەر ئوڭغۇل-دوڭغۇل بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ماڭمىغى تەس، سەللا دىققەت قىلمىسا ئاپتوموبىلنىڭ ئاستى ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرگە تېگىپ كېتەتتى. ھازىر يول ياسىلىپ، ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا زور قولايلىق يارىتىلدى. ما جۈنۋېي مۇنداق دېدى: ھازىر كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىشى قولايلاشتى، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يول ئەھۋالىدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق.

ما جۈنۋېينىڭ ئۆيى ئالدىدىكى يول غۇلجا شەھىرىنىڭ 2020-يىلى 2-تۈركۈمدىكى يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى Y049 لىنىيەسى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3.514 كىلومېتىر، يول ئۇلىنىڭ كەڭلىكى 5.5 مېتىر، يول يۈزىنىڭ كەڭلىكى بەش مېتىر، پۈتۈش باھاسى 2 مىليون 265 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 9-ئايدا قاتناش باشلاندى.

بۇ يىل، غۇلجا شەھىرى ياردەم مەبلىغى ۋە نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، يېرىم-يارتا قۇرۇلۇش، توختاپ قالغان قۇرۇلۇشنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىپ، يېزا تاشيوللىرىنىڭ يول ئەھۋالى ۋە قىياپىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيە تۇتاشقان، سىرت بىلەن ئالاقە تېز، ئىچى بىلەن ئالاقە راۋان، يېزا-كەنتلەر تورلاشقان قاتناش تورى بەرپا قىلدى.

يىل بېشىدىن ھازىرغىچە، غۇلجا شەھىرى جەمئىي 74 كىلومېتىر تاشيول تۈرىنى يولغا قويۇپ، جەمئىي 54 مىليون 18 مىڭ يۈەن مەبلەغ سالدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا يول قۇرۇلۇشى مۇساپىسى 38 كىلومېتىر، سېلىنغان كۆۋرۈكبىر، نامراتلارنى يۆلەش يولى مۇساپىسى 35.6 كىلومېتىرغا يەتتى.