قوغداش + ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تېخىمۇ كۆركەملەشتى

日期:2020年11月21日
来源:天山网
【字体:

ئاۋاتتا ۋارىسلىق قىلىش شەجەرىسى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇلدى

قوغداش + ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تېخىمۇ كۆركەملەشتى

11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، خەلق سەنئەتكارلىرى ئاۋات ناھىيەسىدىكى دولان مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىدە رېپېتىتسىيە قىلماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجوۋ پېڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جىڭ بو، جوۋ پېڭ، جاۋ چاڭفۇخەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيە بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنىڭ ۋارىسلىق قىلىش شەجەرىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش شەجەرىسى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيىتىگە ئۈنۈملۈك ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۇنى قوغدىدى.

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر مەشرىپى (شىنجاڭ ئۇيغۇر دولان مەشرىپى) دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇيغۇر دولان مۇقامى، ئۇيغۇر دولان راۋابى سەنئىتى، ئاۋات ئۇيغۇر مۇسەللەس ئېچىتىش تېخنولوگىيەسى قاتارلىق سەككىز تۈر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ ناھىيەدە ھازىر دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسىدىن بىرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسىدىن تۆتى بار.

«ئەجدادلىرىمىزدىن تارقىلىپ كەلگەن مەدەنىيەت مىراسلىرى قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق، بىزنىڭ ئۇنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار.» دولان مەشرىپى ۋارىسى ئىلياس گايىتنىڭ قارىشىچە، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش شەجەرىسى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيىتىگە سىستېمىلىق ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

دولان مۇقامى ۋارىسى ئابدۇقادىر مۇسا مۇنداق دېدى: مېنىڭ تومۇرۇمدا ئېقىۋاتقىنى دولان مەدەنىيىتىنىڭ روھى، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تېخىمۇ كۆپ ۋارىسلارنى تەربىيەلەيمەن.

«دولان مۇقامىنى ئېيتىپ، مەشرەپ ئويناپ، مۇسەللەس ئىچىپ»، دولان مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئېلىپ ئۆسۈپ يېتىلگەن شىرزات ئوسمان بۇلتۇر مەركىزىي مۇزىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، شۇ جايدىكى ئەڭ ياش ۋارىس بولۇپ قالدى.

«مەن قەدىمىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە دولان مەدەنىيىتىنى چۈشەندۈرۈشنى ئويلايمەن.» شىرزات مۇزىكا ئىشخانىسى قۇرۇپ، ئىزدىنىش ۋە سىناشنى باشلىدى.

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا، مۇھىم مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى دولان مەشرىپى ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى قۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. «مەدەنىيەت مىراسلىرى كۈنى» ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «پۇقرالار چوڭ سەھنىسى» «يېزا - كەنت 100 كۈنلۈك مەدەنىيەت مەيدان پائالىيىتى» قاتارلىقلارغا تايىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاۋات ناھىيەسى مەدەنىيەت - سەنئەت تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، ھەر يىلى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەربىر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسىنى يىلدا بىردىن ئۈچكىچە شاگىرىت تەربىيەلەشكە تەشكىللەپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن زاپاس كۈچ ھازىرلىدى. 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ دولان مۇقامىنى نۇقتىلىق قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغدىدى ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قازدى، توپلىدى ۋە رەتلىدى.

ئاۋات ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو چاۋ مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت ئىشەنچى تېخىمۇ ئاساسلىق، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان كۈچ. بىز غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئاممىباب ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭگو روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز».