قومۇلدىكى تاڭ دەۋرىگە تەۋە قەبرىلەرنىڭ بايقىلىپ قېزىلغانلىقى مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى

日期:2020年11月21日
来源:天山网
【字体:

تىپىك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دەپنە ئادىتىدىكى قەبرىلەر بايقالدى، شەرق، غەربنىڭ بۇيۇملىرى تەڭلا نامايان بولدى

قومۇلدىكى تاڭ دەۋرىگە تەۋە قەبرىلەرنىڭ بايقىلىپ قېزىلغانلىقى مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ خەيفېڭ

قومۇل شەھىرى تەۋەسىدىكى لاپچۇق قەبرىستانلىقىنى قېزىش جەريانىدا يەنە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، يانتۇ يوللۇق قەبرىلەرنىڭ بايقىلىشى بۇ خىل تىپىك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دەپنە ئادىتىنىڭ غەربكە تارقىلىش لىنىيەسىدىكى كەمتۈك ھالقىنى تولدۇردى، قەبرىستانلىقتىن يەنە بىرلا ۋاقىتتا كۆپ مىقداردا شەرق، غەربنىڭ بۇيۇملىرى قېزىۋېلىندى، بۇ، تاڭ دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرت، شەرق بىلەن غەربنىڭ بۇ رايوندىكى ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا يەنە ئەمەلىي ئىسپات قوشتى.

بۇ قەبرىستانلىق قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىرى بوستان كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، لاپچۇق قەدىمىي شەھىرى بىلەن ياندىشىپ تۇرىدۇ. بۇ، قومۇل شەھىرىدە تۇنجى قېتىم بايقالغان تاڭ، سۇڭ دەۋرىگە تەۋە قەبرىلەر. شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى لەنجوۋ داشۆ، غەربىي شىمال داشۆسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراقتىن سېزىش ئورنى قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2019 - يىلى 9 - ئايدا لاپچۇق قەبرىستانلىقىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قازدى. بۇ يىل 6 - ئايدىن باشلاپ، ئارخېئولوگىيە ئەترىتى قەبرىستانلىقنىڭ جەنۇبىي رايونىدا يېڭى قېزىش خىزمىتىنى باشلىدى.

يانتۇ يوللۇق قەبرە تىپىك ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دەپنە ئادىتىگە تەۋە

لاپچۇق قەدىمىي شەھىرى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم جاي، لاپچۇق قەبرىستانلىقى قەدىمىي شەھەرنىڭ يېنىدىكى كەڭ كەتكەن پەلەمپەي شەكىللىك يەرگە جايلاشقان بولۇپ، بىر چوڭقۇر جىرا ئارقىلىق جەنۇب ۋە شىمال ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان. «بىز تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ جىرانىڭ شەكىللەنگەن دەۋرىنىڭ قەبرىلەردىن كېيىن ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، جىرا دەريا سۈيىنىڭ يالاپ ئېقىتىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇشى مۇمكىن. دەريا سۈيى قەبرىستانلىقنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈۋېتىپلا قالماي، جىرا ئىچىگە توغرا كەلگەن قەبرىلەرنىمۇ بۇزۇپ ئېقىتىپ كەتكەن» دېدى بۇ قېتىمقى ئارخېئولوگىيە تۈرىنىڭ يېتەكچىسى، شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ خادىمى ۋاڭ يۇڭچياڭ.

لاپچۇق قەبرىستانلىقىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشتا يانتۇ يوللۇق قەبرىنىڭ تۇنجى قېتىم بايقىلىشى سۆزسىزكى ئەڭ مۇھىم ھاسىلات. مۇخبىر ئارخېئولوگىيە نەق مەيدانىدا، يانتۇ قەبرە يولىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جەنۇب - شىمال يۆنىلىشىدە، ئايرىملىرىنىڭ شەرق - غەرب يۆنىلىشىدە ئىكەنلىكىنى كۆردى. يانتۇ قەبرە يولىنىڭ ئېغىزى سەل تار، ئاستى قىسمى بارا - بارا كېڭەيگەن بولۇپ، تىك تۆت بۇلۇڭ شەكلىدىكى لەھەت قەبرە يولىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقانىدى. «يانتۇ يوللۇق قەبرە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ تىپىك دەپنە ئادىتى بولۇپ، تاڭ دەۋرىدە ئىنتايىن ئومۇملاشقان» دېدى ۋاڭ يۇڭچياڭ تونۇشتۇرۇپ.

ئىگىلىنىشىچە، قومۇلنىڭ غەربىدىكى تۇرپان، جەنۇبىدىكى كىروران، شەرقىدىكى دۇنخۇاڭنىڭ ھەممىسىدە كۆپلىگەن يانتۇ يوللۇق قەبرىلەر بايقالغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى پەقەت قومۇلدىلا يوق ئىكەن. «لاپچۇق قەبرىستانلىقىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش يانتۇ يوللۇق قەبرىنىڭ غەربكە تارقىلىش لىنىيەسىدىكى كەمتۈك ھالقىنى تولدۇردى. قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان كەييۈەن تۇڭباۋ يارمىقى، تارالما نەقىشلىك قەبرە خىشى قاتارلىق يادىكارلىقلاردىن ھۆكۈم قىلغاندا، دەۋرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى - ئوتتۇرا مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ» دېدى ۋاڭ يۇڭچياڭ.

نۆۋەتتە، لاپچۇق قەبرىستانلىقىدا 21 يانتۇ يوللۇق قەبرە قېزىلدى. بۇ خىل ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك دەپنە ئادىتىنىڭ قومۇلدا بايقىلىشى قەبرىستانلىق يېنىدىكى لاپچۇق قەدىمىي شەھىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: لاپچۇق قەدىمىي شەھىرى بەلكىم تاڭ دەۋرىدە تەسىس قىلىنغان ناجى ناھىيەسى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا ئاساسەن، ۋاڭ يۇڭچياڭ مۇنداق قىياس قىلدى: «ناجى ناھىيەسى تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، تەۋەلىكنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن، تاڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىر تۈركۈم قەلەمدار، ئەلەمدارلارنى ئەۋەتكەن بولۇشى، شۇ مەزگىلدە يەنە بۇ يەردە تىجارەت قىلىدىغان، ئىچكىرى رايونلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر بولۇشى، ئۇلار ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى يۇرتى بىلەن بىردەك دەپنە ئادىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن».

بۇ قەبرىلەردە گەرچە قەبرە تېشى بايقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىشتىن ياسالغان قەبرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە دەرىجىسى قەبرىستانلىقتا دەرىجە جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، بۇ نۇقتا قەبرە ئىگىلىرىنىڭ مەرتىۋە، سالاھىيىتىنى نامايان قىلىشقا يېتەرلىك.

ئەجدىھا، يولۋاس نەقىشلىك مىس ئەينەك «بەگ ئەينىكى» تۇنجى قېتىم قېزىۋېلىندى

لاپچۇق قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان ھەمدەپنە بۇيۇملىرىمۇ بىرقەدەر مول بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغىنى بىر تەرىپىدە «بەگ ئەينىكى» دېگەن ئويما يېزىق بار ئەجدىھا، يولۋاس نەقىشلىك مىس ئەينەك. بۇمۇ شىنجاڭدىن تۇنجى قېتىم قېزىۋېلىنغان مۇشۇ خىل پاسوندىكى مىس ئەينەك.

بۇ مىس ئەينەككە 28 خەنزۇچە خەت ئويۇلغان. ۋاڭ يۇڭچياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بۇ خىل پاسوندىكى مىس ئەينەك ئىچكىرى رايونلاردا ناھايىتى كۆپ قېزىۋېلىنغان. ئويما يېزىقتا ئېيتىلماقچى بولغىنى بەلكىم ئەينەك ياسىغۇچى ھۈنەرۋەنلەرنىڭ ئۆز تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى داڭلاش ھەم بەخت - سائادەت تىلەش مەنىسى بولسا كېرەك».

«بۇ خىل مىس ئەينەكنىڭ پاسونى شەرقىي خەن، ۋېي - جىن دەۋرىدە كەڭ تارقالغان بولۇپ، تاڭ دەۋرىدىكى قەبرىدىن چىقىشىمۇ ناھايىتى نورمال، بەلكىم قەبرە ئىگىسىنىڭ <ئائىلە تەۋەررۈكى> بولۇشى مۇمكىن؛ ياكى بۇ خىل پاسوننى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈپ ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ تەقلىدىي ياساتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئويما يېزىقتىكى ئۈچ خەتلىك ئورۇننىڭ قۇرۇق ئىكەنلىكىگە كەلسەك، بەلكىم ھۈنەرۋەننىڭ سەۋىيەسىنىڭ چەكلىك بولۇشى ياكى قېلىپ ياسىغان چاغدىكى بىخەستەلىك سەۋەبىدىن، تولۇق ئويۇلۇپ چىقمىغان بولۇشى مۇمكىن».

تارىخىي خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، تاڭ سۇلالىسى غەربىي يۇرتتا بىرقەدەر مۇكەممەل ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، غەربىي شىمال چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە يىپەك يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى يىپەك يولىنى بويلاپ غەربىي يۇرتقا تارقىلىپ، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن.

شەرق، غەربنىڭ بۇيۇملىرى بىللە قېزىۋېلىندى

لاپچۇق قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان ھەمدەپنە بۇيۇملىرى ئىچىدە ھەم كەييۈەن تۇڭباۋ يارمىقى، ۋۇجۇ يارمىقى، چاچ زىخچىسى، سىرلانغان قۇتا، ساپال قاچا قاتارلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيەت خاسلىقىغا ئىگە يادىكارلىقلار بار، ھەم ساسانىيلار پېرسىيە كۈمۈش تەڭگىسى، قوغۇنچە گىرۋەكلىك ئۈنچە چوڭ ھالقا، قىزىل ياقۇت كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈك، يىڭناغۇچ كۆزلۈك سۈزۈك ئۈنچە، يېشىل تاش قاتارلىق ئەينى چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادا كەڭ تارقالغان ئۈنچە - مەرۋايىتلار بار.

ھەيران قالارلىقى شۇكى، تىك ئويۇلۇپ يانغا قويۇلغان بىر قەبرىدە ئېغىزىغا ساسانىيلار پېرسىيە كۈمۈش تەڭگىسى سېلىنغان، قولىغا كەييۈەن تۇڭباۋ يارمىقى تۇتقۇزۇلغان دەپنە ئادىتى بايقالدى. ۋاڭ يۇڭچياڭ مۇنداق دېدى: «تەڭگە پۇلنى ئاغزىغا سېلىپ، قولىغا تۇتقۇزۇپ دەپنە قىلىش ئادىتى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ئىچكىرى رايونلاردا خېلى كۆپ بايقالغان، شىنجاڭدا ئاساسلىقى تۇرپاندا ئۇچرايدۇ. بۇ قەبرىنىڭ ئىگىسى يىپەك يولىدىكى سودىگەر بولۇشى مۇمكىن، ئاغزىغا سېلىنغىنى ۋە قولىغا تۇتقۇزۇلغىنى شەرق، غەربنىڭ ئىككى خىل تەڭگىسى بولۇپ، شەرق - غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشى تولۇق نامايان بولغان».

مۇخبىر ئەمدىلا قېزىۋېلىنغان قوغۇنچە گىرۋەكلىك ئۈنچە چوڭ ھالقا بولسۇن، مەيلى نەپىس تاۋۇز شەكىللىك ئۈنچە بولسۇن ياكى چوڭ يۇمىلاق شەكىللىك ھالقىنىڭ كۆركەم شەكلى بولسۇن ھەممىسىنىڭ روشەن يەرلىك ئۇسلۇبقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ياسىلىش شەكلىنىڭ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان، ئەينەن شەكىلدە ئىكەنلىكىنى كۆردى، نەپىس قول ھۈنەر - سەنئىتى كىشىنى زوقلاندۇراتتى.

قومۇل شىنجاڭنىڭ «شەرقىي دەرۋازىسى» بولۇپ، ئىلگىرى قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ئىدى. ۋاڭ يۇڭچياڭ مۇنداق قارىدى: «لاپچۇق قەبرىستانلىقىدىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش شىنجاڭنىڭ تاڭ، سۇڭ دەۋرىدىكى ئەھۋالىنى ئارخېئولوگىيە، تارىخ، مەدەنىيەت، يىپەك يولى سودىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەتقىق قىلىشنى يېپيېڭى نەزەر بىلەن تەمىنلەيدۇ».