شىنجاڭنىڭ شەھەر، ناھىيە بازارلىرى پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاندى

日期:2020年11月20日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يايۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر مۇتەللىپ ئەلى خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ11-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۈزەتكەن 19 شەھەر-بازارنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە پاسكىنا سۇدىن قايتا پايدىلىنىش ئەسلىھە تۈر قۇرۇلۇشى تولۇق تاماملانغان ھەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە تىجارىتى باشقۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭنىڭبارلىق شەھەر، ناھىيە بازارلىرىپاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بىلەن تولۇق قاپلىنىشىئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر-بازارلاردىكى تۇرمۇش پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىدىن جەمئىي 111ى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننى شەھەر-بازارلاردىكى پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر، بازارلاردىكى پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش نىسبىتىنى %85كە يەتكۈزۈش» نىشان-ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملانغان.