شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر گۇ يۇ): يېقىندا، شىنجاڭ جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تەۋەككۈل قىلىپ قېزىلغان تەكشۈرۈش قۇدۇقى — كاڭتەن 1-نومۇرلۇق قۇدۇقى ئۈچ قاتلىمىنىڭ نېفىت قاتلىمى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت-گاز ئېقىمىغا ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان نېفىت قاتلىمىنىڭ كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 158 كۇب مېتىر، كۈندىلىك گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 11 مىڭ 200 كۇب مېتىر بولدى.