تاموژنا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋىرىدىكى ھالقىلىق تۆمۈر خەنجەر شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مەڭگۈلۈك ساقلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى

日期:2020年11月20日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: (مۇخبىر جاۋ مېي خەۋىرى، فوتوسى) 11-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى تاموژنىسى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىگە قىممەتلىك بىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى–شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋىرىدىكى بىر ھالقىلىق تۆمۈر خەنجەرنى تاپشۇرۇپ بەردى. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقى قورغاس تاموژنىسى ماشىنىدا تەكشۈرگەندە يولۇچىلارنىڭ يۈك-تاقلىرىدىن تەكشۈرۈپ تېپىلغان، كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالاش كومىتېتى تەرىپىدىن دۆلەت بويىچە 3-دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى دەپ باھالانغان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بۇ ھالقىلىق تۆمۈر خەنجەرنى شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مەڭگۈلۈك ساقلىشىغا تاپشۇردى.

شۇ كۈنى، مۇخبىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۋېلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدىن بۇ ھالقىلىق تۆمۈر خەنجەرنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ 23.5 سانتىمېتىر، كەڭلىكىنىڭ 6 سانتىمېتىر ئىكەنلىكىنى، بىر ئۇچىنىڭ كەمتۈك ئىكەنلىكىنى كۆردى.

قورغاس تاموژنىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچىسى يۆ لېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چېگرادىن چىقىرىش چەكلىنىدىكەن، ئادەتتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چېگرادىنچىقىرىشقا چەك قويۇلىدىكەن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بىللە ئېلىپ ماڭغان، پوچتىدىن ئەۋەتكەنلەر تاموژنىغا مەلۇم قىلىشى شەرت ئىكەن. تاموژنىغا مەلۇم قىلمىغانلار ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە مۇسادىرە قىلىنىدىكەن ياكى جازالىنىدىكەن. بۇ دېلودىكى ئەر تاموژنىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم قىلمىغان، ئۇنىڭ قىلمىشى ئەتكەسچىلىك قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەن. تاموژنا ئۇنىڭ ئېلىپ يۈرگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ بو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ھالقىلىق تۆمۈر خەنجەر قېزىپ چىقىرىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇپ، ھازىر بۇنداق مۇكەممەل ساقلانغان تۆمۈر قوراللار بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى مۇزېيى ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جىنۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقى ئىنتايىن مول. ئاپتونوم رايون بويىچە يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 9542سى بار، بۇنىڭ ئىچىدە، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ئورنىدىن ئالتىسى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 133ى، ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن 622ى بار بولۇپ، 92 مۇزېي (بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت 1-دەرىجىلىك مۇزېيدىن ئىككىسى بار)، ساقلانما مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن 450 مىڭى بار. بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنىڭ تۈرى مول، تارىخى چوڭقۇر، مەدەنىيىتى كۆپ خىل بولۇپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

ۋاڭ جىنۋېن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرى تاموژنا بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ماسىلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئەتكەس قىلىش جىنايى قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئورتاق قوغدايدۇ.