تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۆ ۋېنلىڭ): يېقىندا، سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرىنى تونۇشتۇرۇش ئۆمىكى فۇجيەنگە بېرىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، پائالىيەتتە جىمىسار ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) ئايرىم-ئايرىم ھالدا شيامېن سەنئەت مەكتىپى (شيامېن شياۋبەيلۇ ئەلئارا ئۇسسۇل سەنئەت مەركىزى)، شيامېن شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئالاقىسى، ھەمكارلىقى توغرىسىدا ئۈچ يىللىق ئورتاق قۇرۇش كېلىشىمى تۈزدى.
كېلىشىم مەزمۇنىغا ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىن جىمىسار ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى(مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى) شيامېن سەنئەت مەكتىپى (شيامېن شياۋبەيلۇ ئەلئارا ئۇسسۇل سەنئەت مەركىزى) بىلەن «ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش» پىرىنسىپى بويىچە، مەدەنىيەت ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، كوللېكتىپ باشقۇرۇش، ئەدەبىيات-سەنئەت ئالاقىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، مەدەنىيەت-سەنئەت ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز كۆۋرۈكلۈك ۋاسىتە قىلىپ، ئىككى جاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئەدەبىيات-سەنئەت مائارىپى ئىشلىرىنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ شيامېن شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى بىلەن ئاممىۋى تەنتەربىيە، ماھارەت تەنتەربىيەسى، ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيەسى، تەنتەربىيە كەسپى، ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.