导航切换

تۇنجى تۈركۈمدىكى «5G + سانائەت ئالاقە تورى» ئۈلگە كۆرستىىش زاۋۇتى، باغچە رايونى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى تىزىملىكى ئېلان قىلىندى

日期:2020年11月20日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋىرى): 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «5G + سانائەت ئالاقە تورى» ئۈلگە كۆرستىىش زاۋۇتى، باغچە رايونى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، جۇڭتەي خىمىيەسى توقسۇن نېڭخۇا چەكلىك شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سانلىق مەلۇمات ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سىستېمىسى تۈرى قاتارلىق 22 تۈر تاللاندى.

دۆلەت سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان «<5G + سانائەت ئالاقە تورى> 512 قۇرۇلۇشىنى ئالغا سلجىتىش لايىھەسى توغرىسىدا بېسىپ تارقاتقان ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2020-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى سانائەت كارخانىلىرى ۋە ئاساسىي تېلېگراف تىجارىتى سودىگەرلىرىنى تەشكىللەپ «5G + سانائەت ئالاقە تورى» نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئۈلگە كۆرسىتىش زاۋۇتى، باغچە رايونى تۈرىنى ئۇدۇلاللاشتۇرۇش خىزمىتىگە تەشكىللەپ، كارخانىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، تۈر مەلۇماتنامىسىنى باھالاش، ئاساسىي تېلېگراف تىجارىتى سودىگەرلىرىنى تەۋسىيە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تۈرلەرنى يوللاپ باھالاپ، 2020-يىللىق «5G + سانائەت ئالاقە تورى» نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرستىىش زاۋۇتى، باغچە رايونى ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى (تۇنجى تۈركۈم) تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان.

كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ يەنە 5G تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى، سانائەت ئالاقە تورى قاتارلىق رەقەملىق يېڭى ئاساس قۇرۇلۇشلارنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىق تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي تىرەكنى ياخشى قىلىدىكەن؛ «+ 5G» چوڭ سانلىق مەلۇماتنى قوللىنىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، شىنجاڭ كارخانىلىرىنى بۇلۇتقا چىقىرىش قاتارلىق يۇغۇرما تەرەققىيات ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي قوللىنىش تىرىكى بولىدىكەن؛ نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى نەتىجە-ئۈنۈمىنى باھالاپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ياسىمىچىلىق ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.