11-ئاينىڭ 17-كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسى قەشقەر جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرىدا ئىشچىلار كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازارلارغا توشۇلىدىغان ئۇننى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار ھەبىبە، ئايشەمگۈل ئابلا، ۋاڭ جوۋ خەۋىرى، فوتوسى): «بانكا ئەڭ تېز سۈرئەتتە قەرز چۈشۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئۆسۈم جەھەتتىمۇ ئىنتايىن زور ئېتىبار قىلدى، بۇ مەبلەغ بىزنىڭ تىجارەتنى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىزگە كاپالەتلىك قىلدى» دېدى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى كوناشەھەر ناھىيەسى قەشقەر جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى پېڭ يۇڭجيەن.
قەشقەر جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرى ھېسابلىنىدۇ. «شىنجاڭ كوئېنلۇن شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى قەشقەر ۋىلايىتى شۆبە بانكىسى بىزنى 30 مىليون يۈەن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بىلەن تەمىنلىدى. مەبلەغ كاپالىتى بولغاچقا، كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىدىن 800 نەچچە توننا سېتىۋالدۇق» دېدى پېڭ يۇڭجيەن، «كېيىنكى قەدەمدە، بىز چىلان سېتىۋېلىشنى باشلاپ، دېھقانلار ئۆستۈرگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋاقتىدا سېتىپ چىقىرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».
شۇ كۈنى، كوناشەھەر ناھىيەسى سانائەت باغچە رايونى قەشقەر مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە تۈرلۈك داۋالاش كاپالىتى بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى.
11-ئاينىڭ 17-كۈنى، قەشقەر مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقارماقتا.
«يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شىركەت دەرھال جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلەپچىقىرىش دەسلەپكى لايىھەسىنى قوزغىتىپ، بانكا تەمىنلىگەن 10 مىليون يۈەن ئۆسۈم ياردىمى قەرزىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالدۇق، خادىم تەكلىپ قىلىپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، ئايرىش كىيىمى، بىر قېتىملىق ۋىرۇستىن ئەۋرىشكە ئېلىش نەيچىسى قاتارلىق كۆپ خىل جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقاردۇق» دېدى قەشقەر مياۋرېن داۋالاش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى رېن ۋېيجىن.
«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كارخانىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا، بىزنىڭ مەخسۇس كىشىلىك قەرز بېجىرىش ئەترىتىمىز بار، شۇنىڭ بىللە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، يېشىل ئىككى يولنى ئېچىپ، ماتېرىيال كەم بولسىمۇ بېجىرىشنى يولغا قويدۇق» دېدى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى قەشقەر ۋىلايىتى شۆبە بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بانكا باشلىقى سۇڭ پىنيۈ، بۇ بانكا يۇقۇم بويىچە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش قەرزدىن جەمئىي 523 مىليون يۈەن تارقىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىش تەمىناتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، «ئاشلىق»، «كۆك-تاق» قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلدى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى قەشقەر شۆبە بانكىسى جەمئىي 1 مىليارد 52 مىليون يۈەن تارقىتىپ، 64 كارخانىنى قوللاپ، ئۇل ئەسلىھەلەر، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى زاپىسى، ئەشيا ئوبوروت تەقسىملەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى قاپلىغان. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ بانكا يەنە 590 مىڭ يۈەن قەرز پۇلنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ۋە قەرەلىنى ئۇزارتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەرگەن.
مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، كوناشەھەر ناھىيەسى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كۆپلىگەن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى كارخانىلارغا بولغان يۆلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆسۈم ياردىمى قەرز پۇل، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇل قاتارلىق كۆپ خىل پۇل مۇئامىلە تەدبىرلىرى ئارقىلىق، شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقان.