导航切换

كورلا شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت رەقەملىك يېزا-كەنت سىناق نۇقتىسى تىزىملىكىگە كىردى

日期:2020年11月19日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شۇاڭ): يېقىندا، مەركەز ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىرلىكتە «دۆلەتنىڭ رەقەملىك يېزا-كەنتلەرنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان رايونلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتنىڭ رەقەملىك يېزا-كەنتلەرنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان رايونلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، كورلا شەھىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللاندى.

كورلا شەھىرىدىكى 59 مەمۇرىي كەنتنىڭ كەڭ بەلۋاغ تورىغا ئۇلىنىش نىسبىتى %60كە يەتتى، «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى»نى كېڭەيتىش ۋە قوللىنىش، «ئاقىل داۋالاش» قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى يېزا (بازار)، كەنت مۇلازىمەت پونكىت-نۇقتىلىرىغا كىرگۈزۈش، يېزا ئىگىلىك جابدۇقلىرىنىڭ ئەقلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش... رەقەملىك تېخنىكا كورلا شەھىرىدىكى ھەرقايسى يېزا-كەنتلەر بىلەن تېز سۈرئەتتە يۇغۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرى رەقەملىك دەۋرنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېزىلارنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى-يېزىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەمىناتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئەقىل-پاراسەت يېشىل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا-كەنتلەرنىڭ تور مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇچۇر ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كورلا شەھىرىنىڭ رەقەملىك يېزا-كەنتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، كۆپ ساھەلىك، چوڭقۇر قاتلاملىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شياۋ يۇڭگاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دۆلەتنىڭ رەقەملىك يېزا-كەنتلەرنى نۇقتىدا سىناق قىلىش رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كورلا شەھىرى يېزا-كەنتلەرنى رەقەملەشتۈرۈش مۇساپىسىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «ئالاقە تورى +» ئەندىزىسى ئارقىلىق، زامانىۋى رەقەملىك تېخنىكىنى ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىكى، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى رەقەملەشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دېھقانلارنى رەقەملەشكەن تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن قىلىدىكەن.