تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ خەيشيا، ئىختىيارىي مۇخبىر شى چياڭشېڭ): 11-ئاينىڭ 16-كۈنى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان2020-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت سودا يەرمەنكىسى شاڭخەي يېڭى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق باشلاندى، بايىنغولىن ئوبلاستى ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كۆرگەزمە زالى، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كۆرگەزمە زالىدا بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھىتى يۇغۇرۇلغان ئېسىل كۆرگەزمە ئۆتكۈزدى.
بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى شىنجاڭ باغراش كۆلى ساياھەت چەكلىك شىركىتى، چاقىلىق ناھىيەلىك تارىم چىلان ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ قىشلىق ساياھەت لىنىيەسى مەھسۇلاتلىرى، مەدەنىيەت-ساياھەت تاۋارلىرى، تەشۋىق قىلىش-كېڭەيتىش ماتېرىياللىرى، باغراش كۆلى قىشلىق ساياھەت بېلىتى، باغراش كۆلى بېلىق مەھسۇلاتلىرى، باغراش كۆلى لازا مەھسۇلاتلىرى ھەم چاقىلىق چىلىنى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلارنى ئېلىپ، مەخسۇس تېمىدا تونۇشتۇرۇش، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقى ۋە ئوبرازىنى نامايان قىلدى. يەرمەنكە مەزگىلىدە، بايىنغولىن ئوبلاستى يەنە ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە تونۇلۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى بايىنغولىن ئوبلاستىغا كېلىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈش، كىروراننىڭ سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە كۆرگەزمە كۆلىمى 45 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا (تەخمىنەن 1517 ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنى بار) يەتكەن، يەرمەنكىگە 1500گە يېقىن ئورۇن قاتناشقان. بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ساياھەت ئارقىلىق ئوبلاستنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئېسىل ساياھەت لىنىيەسى تۈزۈپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋە «كىروراننى قېزىش، بايىنغولىن ئوبلاستىنى ساياھەت قىلىش»نى باش تېما قىلىپ، 2020-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكىسى قاتارلىق مۇھىم باش تېما پائالىيىتى پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ قىشلىق ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تونۇشتۇرۇپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ مول ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكى، قاتناش رايون ئەۋزەللىكىنىساياھەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.