11-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇتام يېزىسىدىكى چىلانچى دېھقان يۈسۈپجان تۇرسۇن (سولدا) ئۆزىنىڭ چىلانلىقىدا، دوۋيىن سۇپىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىپ چىلان ساتماقتا.
تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ يۆ، تۇرسۇنئاي): ھازىر، چاقىلىق ناھىيەسىدىكى 233 مىڭ 800 مو يەردىكى چىلان كەڭ كۆلەمدە ئۈزۈش مەزگىلگە كىردى، شۇ جايدىكى چىلانچى دېھقانلار بەس-بەستە ئېلېكتىرونلۇق سودا تېز پويىزىغا چىقىپ چىلان ساتتى.
«چاقىلىق چىلىنىنى ئۈزۈش ۋاقتى باشقا جايلارنىڭكىدىن كېيىنرەك بولىدۇ، دەرەخ ئۈستىدە تەبىئىي قۇرۇغان چىلاننىڭ قەنت تەركىبى، مىكرو ئېلېمېنت قاتارلىقلار تولۇق جۇغلانغان بولىدۇ، بۇ چىلان تېخىمۇ مەززىلىك، يېيىشلىك، ئوزۇقلۇقى مول بولىدۇ...» 11-ئاينىڭ 9-كۈنى ئەتىگەندە، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇتام يېزىسىدىكى چىلانچى دېھقان يۈسۈپجان تۇرسۇن دوۋيىن سۇپىسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە باشلىدى.
يۈسۈپجان چاقىلىق ناھىيىسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدە ئومۇمىي خەلق ئېلېكترونلۇق سودا بويىچە تەربىيىلەشكە قاتناشقان چىلانچى دېھقان. «بۇ يىل 20 مو يەردىكى چىلاندىن 15 توننا ئەتراپىدا ھوسۇل ئالدىم، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى ۋە تاۋباۋ دۇكىنىدىن پايدىلىنىپ چىلان سېتىشىم، سېتىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق نۇرغۇن زاكاز تاپشۇرۇۋالدىم» دېدى يۈسۈپجان.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى ئومۇمىي خەلق ئېلېكتىرونلۇق سودا پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى زورايتىپ، چىلانچى دېھقانلارنى تور رىياسەتچىسى بولۇشقا يېتەكلەپ، يۇرتىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «بۇلۇت»تا نامايان قىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى. ھازىرغا قەدەر، ئۇتام يېزىسىلا بەش تۈركۈم تايانچ ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەشنى تاماملىدى، قاتناشقانلار 300دىن ئاشتى، چىلانچى دېھقانلارغا ياردەملىشىپ تور دۇكىنىدىن 23نى ئاچتى. چىلان سېتىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۈمەت يەنە ئاممىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش مەيدانى ۋە ئۈسكۈنىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تېز يەتكۈزۈش شىركىتى بىلەن پائال سۆھبەتلىشىپ، تىرانسپورت تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت يېتەكلەش، بازار يۈرۈشتۈرۈش، جەمئىيەت قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» بىلەن يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تور ماركېتىڭ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.