导航切换

بايىنغولىن ئوبلاستى چېڭدۇ شەھەر ئاھالىلىرىگە قىشلىق ساياھەت چوڭ سوۋغىسى تەقدىم قىلدى

日期:2020年11月18日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ خەيشيا): 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» 2020-يىللىق شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى چېڭدۇغا كىردى، بايىنغولىن ئوبلاستىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر نەق مەيداندا شىنجاڭنىڭ گۈزەل قىشلىق مەنزىرىسىنى تونۇشتۇردى ھەم رۇڭچېڭ شەھەر ئاھالىلىرىگە قىشلىق ساياھەت سوۋغىسىنى تەقدىم قىلدى.

شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت بازىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو ياشلار ساياھەت كوپىراتىپى شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» 2020-يىللىق شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىنى مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چېڭدۇ، گۇاڭجوۋ، شېنجېن، شاڭخەيدىن ئىبارەت تۆت جايدا ئۆتكۈزۈلدى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىملار پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم شۇ جايدىكى ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، بايىنغولىن ئوبلاستى يولغا قويغان 51 تۈرلۈك قىشلىق ساياھەت بايرىمى پائالىيىتى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. قار-مۇز ساياھىتىنى چۆرىدەپ، بايىنغولىن ئوبلاستى يەنجى يىپەك يولى ئېكولوگىيە مىللىي ئۆرپ-ئادەت ئىككى كۈنلۈك ساياھىتى، كۈنەس دۆلەت ئورمان باغچىسى ئىككى كۈنلۈك ساياھىتى، باغراش كۆلى ئائىلە زىياپىتى بىر كۈنلۈك قار-مۇز ساياھىتى، يېزا-كەنتلەرنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت، مەززىلىك تائاملىرىنى ھېس قىلىش ئۈچ كۈنلۈك ساياھىتى قاتارلىق قىشلىق ساياھەت لىنىيەلىرىنى يولغا قويدى، بايىنغولىن ئوبلاستى تەۋەسىدىكى بارلىق A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە ئىشىك بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى.

تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭدىكى ئون نەچچە ساياھەت كوپىراتىپى چېڭدۇ ساياھەت كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ بۇنىڭدىن كېيىنكى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ۋە كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، ساياھەت بايلىقىنى ئورتاق قېزىپ، ئىككى جاينىڭ ساياھەت بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ساياھەتچى مەنبەسىنى ئۆزئارا يەتكۈزۈش، لىنىيەنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«كۈمۈش رەڭلىك لىباس كىيگەن شىنجاڭ مېنى تەلپۈندۈرىدۇ.» چېڭدۇ شەھىرى ئاھالىسى ليۇ يۈچېڭ مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭغا بېرىشنى پىلانلىدىم، ناخشا-ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىپ، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكەندىن باشقا، يەنە قار ئويناپ، قۇملۇقتىكى توغراقلاردىن ھۇزۇرلىنىمىز.