بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرى ئورمان مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

日期:2020年11月18日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ ۋېنخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر سى چىن): 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-كۈنىگىچە، 13-نۆۋەتلىك جۇڭگو يىۋۇ خەلقئارا ئورمان مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى جېجياڭ يىۋۇ خەلقئارا يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بەش كارخانا ئورمان مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، تۆت پارچە مېۋە سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى (مۇددىئانامىسى) ئىمزالاپ، جەمئىي 505 توننا بولدى، قىممىتى 7 مىليون 482 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

بۇ نۆۋەتلىك ئورمان مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى «يېشىللىق ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، ساغلام تۇرمۇش»نى باش تېما قىلىپ، «توردا ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولۇش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، «مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان» ئورمان مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى.

يەرمەنكە مەزگىلىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەرمەنكىگە قاتناشقان رەھبەرلىرى كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن بىللە، سودىگەرلەرگە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى پائال تونۇشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرقايسى جايلاردىكى سودىگەرلەر بىلەن ھەمكارلىشىش سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە نەشپۈت، چىلان، ياڭاق قىستۇرۇلغان چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم، مېغىز، كاۋا ئۇرۇقى قاتارلىق مەھسۇلاتلار قاتناشتۇرۇلدى. كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىدا، ھەر قايسى كارخانا خىزمەتچىلىرى يىۋۇ شەھەر ئاھالىلىرىگە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى تېتىتقۇزدى، كۆرگەزمە سۇپىسى ئالدىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى نەشپۈت، چىلان قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالدى. 11-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە، نەق مەيداندا 2600 كىلوگىرام باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرى سېتىلىپ، 54 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىندى. يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلىرى تولۇق سېتىلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ خاس باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن يېڭى ئوبرازى، كارخانىنىڭ تەرەققىيات يېڭى ئەمەلىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى.

بۇ قېتىمقى ئورمان مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە، تۆت پارچە مېۋە سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى (مۇددىئانامىسى) ئىمزالىنىپ، جەمئىي 505 توننا بولدى، قىممىتى 7 مىليون 482 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە: چاقىلىق ناھىيەسى ئائېرجىن چىلان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى جېجياڭ تيېفېڭتاڭ بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن 55 توننا چىلان سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى ئىمزالىدى، كېلىشىم سوممىسى 982 مىڭ يۈەن بولدى؛ باشئەگىم شەھىرى ئەرجيابا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى يىۋۇ سېنۋاڭ مېۋىچىلىكى، جىنخۇا مېۋە مەھسۇلاتلىرى سودا شەھەرچىسى، شەرقىي شىمالدىكى مىڭيوۋجىگۇڭ قاتارلىق ئۈچ كارخانا بىلەن 450 توننا نەشپۈت سېتىۋېلىش-سېتىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى، مۇددىئانامە سوممىسى 6 مىليون 500 مىڭ يۈەن بولدى.