تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز جاۋ مېي، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ خېفەن خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزى شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ ھايۋانات يۇقۇمىنى تىزگىنلەش مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ، مەركەزدىكى30 تۇياق ياۋا ئاتنى ئارىلاپئومۇميۈزلۈك سالامەتلىكىنى تەكشۈردى. ئىگىلىنىشىچە، ئومۇميۈزلۈك «سالامەتلىك تەكشۈرۈش»نىڭ مەزمۇنى ئاتنىڭ يايلىسى، بەش ئەزاسى، قاننى بىيوخىمىيەلىك تەكشۈرۈش، قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈش، پارازىت قۇرت تۇخۇمى قاتارلىق 12 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، كارانتىن دوكلاتى 12-ئاينىڭ بېشىدا تاماملىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ياۋا ئاتلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.
شىنجاڭياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي مال دوختۇرى ئېنتېماكنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ياۋا ئات يۇقۇمىنى كارانتىن قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش يۇقۇم مەنبەسى يۇقۇمىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، دائىملىقكارانتىن قىلىش ھەر ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ يىل قانات يايدۇرۇلغان كارانتىن تۈرلىرىنىڭ مەزمۇنى كۆپ، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ، ئەۋرىشكە ئېلىش تۈپ سانى چوڭ بولۇپ، دائىملىق تەكشۈرۈش ۋە ئالاھىدە نىشان بەلگىلەپ ئۆلچەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇ ياۋا ئات مەركىزى قۇرۇلغان 34 يىلدىن بۇيان ياۋا ئاتلارنى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ بىۋاسىتە كۆزىتىدىغان بىر قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدىكەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ھوشيارلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان ياۋا ئاتلارنى يۇۋاشلىقچە «سالامەتلىك تەكشۈرۈش»نى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن، نەق مەيداندىكى خىزمەتچى-خادىملار كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ، ياۋا ئاتلارغا ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ، ئامالنىڭ بارىچە ئۇلار بىلەن يېقىنلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغان...
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن 30 ياۋا ئات 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە تۇغۇلغان، شۇڭا، ئۇلارنى يۇقۇملۇق كېسەل جەھەتتىن تەكشۈرگەندىن باشقا، يەنە ئۇلارغا «كىملىك» تۈزۈپ تارقىتىلغان، يەنى ئۇلارغا ئىلمىي نومۇر قويۇلغان ھەم توڭلىتىش بەلگىسى بېسىلغان.
پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتى نۆۋەتتە يەر شارىدىكى بىردىنبىر ھايات قالغان ياۋا ئات بولۇپ، يەر شارىدىكى سانى 2000 تۇياقتىن ئاشىدۇ. شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغان 34 يىلدىن بۇيان، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكىدىن 24 پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنى كىرگۈزۈش ئاساسىدا، جەمئىي ئالتە ئەۋلاد760 ياۋا ئاتنى كۆپەيتكەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ.
خىزمەتچى-خادىملار ياۋا ئاتنىڭ بەدەن سىرتىنى تەكشۈرمەكتە.
ياۋا ئاتلارنى قاننى بىيوخىمىيەلىك تەكشۈرگەن، قاننى قائىدىلىك تەكشۈرگەندە ھايۋانات ئورگانىزمىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشەنگىلى ۋە ئىگىلىگىلى بولىدۇ.