قۇملۇق بويىدىكى يول ئاسرىغۇچى

日期:2020年11月17日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى،ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى:(مۇخبىر دۇڭ بوتىڭ، جاڭ شياۋلۇڭ)لوپ ناھىيەسىنىڭ يوللىرىنىڭ ھەممىسى ئويلىمىغان يەردىن تولىمۇ پاكىز ئىدى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى قۇم-بورانلىق كىچىك شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېزا يوللىرىنى پاكىز تازىلاپ بولۇش ئاسان ئەمەس ئىدى.

يولنى بويلاپ ماڭغاندا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك نۇر قايتۇرۇش خىزمەت جىلىتكىسى كىيىپ، گۈرجەك ۋە سۈپۈرگە كۆتۈرۈپ، يېزا تاشيولىدا يول ئۇلىنى تەكشۈرۈپ، يولنى تازىلاپ، سۈپۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.

يېڭىبازار كەنتى ئەتراپىدىكى يېزا تاشيولىدا، 48 ياشلىق تۇرسۇننىياز ئابلا گۈرجەك كۆتۈرۈپ، چاڭ-توزاندىن مۇداپىئەلىنىش ماسكىسى تاقاپ، ۋاقىت ئاجرىتىپ مۇخبىر بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەنتتىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان يول ئاسرىغۇچى ئىكەنلىكىنى، يول ئاسراش خىزمىتىنىڭ ئۇنىڭغا يېڭى كىرىم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

يول ئاسرىغۇچى سەيدىنىسا ساۋۇت سۈپۈرگە بىلەن يولنى پاكىز سۈپۈرۈۋاتاتتى. «ئاسرىلىدىغان تاشيوللار ئۆيىمىزگە ناھايىتى يېقىن، يول ئاسراشتىن باشقا، كۆپچىلىكيەنە ئۆي ئىشلىرى ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا قارىشالايدۇ، بىكار ۋاقىتلىرىدا يەنە چىلانلىققا بېرىپ چىلان ئۈزۈپ پۇل تاپالايدۇ.» سەيدىنىسا مۇنداق دېدى: پۇل يىغىپ ئۆيگە توكسىكلىت ئېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

لوپ ناھىيەلىك قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى فەن چىڭجاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل لوپ ناھىيەسى 950 يول ئاسرىغۇچى قوبۇل قىلغان، ئۇلار پۈتۈن ناھىيەدىكى 3766 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يېزا يولىنى ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەرقايسى كەنتلەردىكى «نامرات ئائىلە» ياكى «نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئائىلە» ئىكەن، «يوللارنى تازىلاش بىلەن بىللە، بىز يەنە پۇقرالارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك».

يول ئاسرىغۇچىلارنىڭ مائاشى قەيەردىن كېلىدۇ؟

«بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى مەركەز مالىيەسىنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغىدىن كېلىدۇ. بۇ يىل 5-ئايدا، لوپ ناھىيەسى ئاپتونوم رايون قوللىغان 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنىڭ يېزا يوللىرىنى كۈندىلىك ئاسراش ياردەم پۇلىدىن 7 مىليون 600 مىڭ يۈەننى بىۋاسىتە قوبۇل قىلدى، بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسى ھەر ئايلىق مائاش سۈپىتىدە يول ئاسرىغۇچىلارغا بىۋاسىتە تارقىتىپ بېرىلىدۇ.» دېدى لوپ ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جوۋ لىمىڭ.

بۇ يىل، پۇقرالارغا چۈشكەن پۇل ئاز ئەمەس.

مەركەز مالىيەسى يېڭىدىن ئىككى «بىر تىرىليون يۈەن»نى كۆپەيتتى، يەنى مالىيە قىزىل رەقىمى كۆلىمى يېڭىدىن بىر تىرىليون يۈەن كۆپەيتىلدى، بىر تىرىليون يۈەنلىك يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە دۆلەت زايومى تارقىتىلدى. ئالاھىدە يۆتكىمە چىقىم مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، مەبلەغ بىۋاسىتە شەھەر، ناھىيە ئاساسىي قاتلىمىغا يەتكۈزۈلۈپ، بىۋاسىتە تۈردە كارخانىلارغانەپ، خەلققە پايدا يەتكۈزۈلدى.

شىنجاڭ مالىيە نازارىتى دۆلەت خەزىنە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لۇ تۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل مەركەز مالىيەسىنىڭ شىنجاڭغا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بىۋاسىتە مەبلىغى 40 مىليارد 330 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ 2019-يىللىق مالىيە كىرىمىنىڭ %40ىگە توغرا كېلىدىكەن. ھازىرغىچە، بىۋاسىتە مەبلەغ ئارقىلىق 4746 تۈرگە ياردەم بېرىلىپ، 2546 كارخانا ۋە 11 مىليون 10 مىڭ ئامما نەپكە ئېرىشكەن.

بۈگۈنكى كۈندە، يول لوپ ناھىيەسىنىڭ ھەر بىر كەنتىگىچە تۇتاشتۇرۇلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمىن ئۆيلىرى ئازادە، رەتلىك بولۇپ، پۈتكۈل يېزا-كەنتنىڭ تۇرمۇش رىتىمىمۇ تېزلىشىۋاتىدۇ.

قايتىش يولىدا، كەچكى قۇياش لوپقا ئالاھىدە ھۆسن قوشقانىدى، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى ئىھاتە دەرەخلەر شىلدىرلاپ، يول ئاسرىغۇچىلار بىلەن ۋاقتىنچە خوشلاشماقتا ئىدى. ناھىيەدىكى كادىرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يوللارنى تازىلايدىغان ئادەم بولغاندىن كېيىن، يۇرتداشلار يول تازىلىقىنى تېخىمۇ ئاسرايدىغان بولۇپ كەتكەن. يېڭى خىزمەت، پاكىز يول، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كۆپچىلىككە بىر خىل ئىشەنچ ئاتا قىلماقتا، كىشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئالدىغا مېڭىش، ئالدىغا قاراش كېرەك، ئەمگەكچان بىر جۈپ قول بىلەن چوقۇم بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.