285.35 مېتىر ئېگىزلىكتىكى باۋنېڭچېڭ شەھەر ئۆگزىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېگرا سىزىقى بولۇپ قالدى

日期:2020年11月16日
来源:天山网
【字体:

11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى باۋنېڭچېڭ تۈرى 1-02#ئىشخانا بىناسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز كاڭ خاۋيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ جۈن خەۋىرى، فوتوسى): 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر پولات لىمنىڭ قۇراشتۇرۇلۇپ بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئېگىزلىكى 285.35 مېتىر كېلىدىغان ئۈرۈمچى شەھىرى باۋنېڭچېڭ تۈرى1-02#ئىشخانا بىناسى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆگزىسى ئوڭۇشلۇق يېپىلىپ، ئۆزى ياراتقان 251 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شىنجاڭدىكى ئەڭ ئېگىز بىنا رېكورتىنى يېڭىلىدى.

باۋنېڭچېڭنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى

بۇ تۈر ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول رايونى شۈەنۋۇخۇ كۆلى يولى ئەتراپىغا جايلاشقان، تۈرگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ سوممىسى 16 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئېگىزلىكى 200 مېتىردىن 300 مېتىرغىچە بولغان بەش كورپۇس ئادەتتىن تاشقىرى ئېگىز قەۋەتلىك بىنا سېلىنىدۇ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 1 مىليون 750 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئىشخانا بىناسى، مېھمانساراي، سودا كوچىسى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېگىز قەۋەتلىك بەش بىنانىڭ بىرى بولغان، بۇ قېتىم ئۆگزىسى يېپىلغان بۇ بىنا2016-يىلى سېلىنىشقا باشلىغان، يەر ئۈستى 62 قەۋەت، يەر ئاستى تۆتقەۋەت، قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 2022-يىلى پۈتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ خىزمەت بىناسى ئاساسىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆگزىسى يېپىلغاندىن كېيىن، كېيىنكى قەدەمدە قۇرۇلۇشچىلار بىنانىڭ ھەرىكەتچان يەلكە مۇنارىنى چېقىش، ئەينەك پەردە تېمىنى ئورنىتىش، ماشىنا-ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش ۋە باشقا يەككە گەۋدىلىك ئىمارەتلەرنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى سېلىش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بارىدۇ.

جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇش گۇرۇھى غەربىي شىمال شۆبە شىركىتىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرى باۋنېڭچېڭ تۈرى قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى شۈ ياخۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2016-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3000دىن ئارتۇق ئادەم تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان، ساپ پولات قۇرۇلمىلىق ئادەتتىن تاشقىرى ئېگىز قەۋەتلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، پولات قۇرۇلمىغا ئىشلىتىلىدىغان پولات مىقدارى 36 مىڭ توننىغا يەتكەن، ئەڭ ئاستىنقى قەۋەتتىكى پولات تۈۋرۈككە كېتىدىغان پولات تاختا تەخمىنەن 10 سانتىمېتىر قېلىنلىقتا ئىكەن، ھەر بىر پولات تۈۋرۈكنىڭ ئېغىرلىقى ئومۇميۈزلۈك 20 توننىغا يېتىدىكەن، ئەڭ ئېغىر بولغاندا 28 توننىغا يېتىدىكەن، پولات تۈۋرۈكنى كەپشەرلەشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ ئىكەن.

باۋنېڭچېڭنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى

ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى باۋنېڭچېڭ تۈرىدىكى بەش ئېگىز قەۋەتلىك بىنا ئىككى كورپۇستا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملانغان، ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 251 مېتىر ۋە 285.35 مېتىر، 2020-يىلى 6-ئايدا ئاساسىي گەۋدە ئۆگزىسى 251 مېتىر كېلىدىغان 1-01# ئىشخانا بىناسى سېلىنغان.

بۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باۋنېڭچېڭدا ئەنئەنىۋى مال سېتىۋېلىش، يېمەك-ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە ئويۇن قويۇش زالى، يۇقىرى دەرىجىلىك ھويلا لىنىيەسى، ئۆي ئىچى بالىلار جيانيەنخۇا، زال ئىچىدە قىياغا يامىشىش قاتارلىق ئەسلىھەلەر بار ئىكەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ يەردە ئۆي ئىچى دېڭىز-ئوكيان سارىيى سېلىنىپ، خېرىدارلارنىڭ تەسىراتى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلىدىكەن.