كۇچا كۈتۈنۈش ئاپپاراتى داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈپ ياشانغانلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

日期:2020年11月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شيې فەن): ئاقسۇ سودا-سانائەت بانكىسىدىن پېنسىيەگە چىققان كادىر 76 ياشلىق چېن جېن كۇچا شەھىرى دۇڭچېڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسى (دوختۇرخانىسى)دەبىر يىلغا يېقىن تۇرۇپ، ناھايىتى راھەت ھېس قىلدى. دۇڭچېڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسى (دوختۇرخانىسى) داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، دوختۇرغا كۆرۈنۈش تېخىمۇ قولايلىق ئىدى، بۇ يەر چېن جېنغا ئۆز ئۆيىدەك تۇيغۇ بەردى، ئۇ خوتۇنى بىلەن بۇ يەردە ئايدا 6000 يۈەندەك چىقىم قىلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، دۇڭچېڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسى (دوختۇرخانىسى) ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۇنجى جەمئىيەتتىكى كۈچلەر ئاچقان پايدا ئالمايدىغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا بولۇپ، 248 كارىۋات بار ئىكەن، بۇنىڭ 49ى داۋالاش كارىۋىتى، 199ى كۈتۈنۈش كارىۋىتى بولۇپ، كۈتۈنۈش كارىۋىتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى يېرىم ئىقتىدارى ۋە ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلار ئىكەن.

دۇڭچېڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسى (دوختۇرخانىسى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى دەندەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كەسپىي ساپا ئارقىلىق ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش يېڭى شەيئى بولۇپ، جۇڭگو تېبابىتىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشخاس مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ساق بولسا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەل بولسا ۋاقتىدا داۋالاش»تىن ئىبارەت داۋالاش پىرىنسىپىگە ئەمەل قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپى، ئوخشاش بولمىغان بەدەن ساپاغا قارىتاپەرقلەندۈرۈپ داۋالايدىكەن، باش قىسمىنى ئۇۋۇلاش، دورا بىلەن ھورداش، تاپاننى ئۇۋۇلاش، داغلاپ داۋالاش، لوڭقا قويۇش، سىيرىپ داۋالاش قاتارلىق ئەنئەنىۋى داۋالاش تۈرلىرىنى قوللىنىدىكەن؛ 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدىغان كەسپىي پەرۋىش ئەترىتى تەسىس قىلىنىپ، ھەر بىر ياشانغان كىشىنىڭ سىرتتا پائالىيەت قىلىشى، ئېغىز بوشلۇقى پەرۋىشى، يۇيۇنۇش، كىيىم ئالماشتۇرۇش، تىرناق ئېلىش، تاماق بېرىش، دورا ئىچىشىنى ئەسكەرتىش، شەخسىي تازىلىقى، ئۆي تازىلىقى قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھالىدىن 24 سائەت خەۋەر ئېلىپ، ھەر كۈنى 22 پەرۋىش قىلىش تەرتىپى بويىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ياشانغانلار ئۈچۈنھەر 35 مىنۇتتا بىر تۈرلۈك مۇلازىمەتنى قانات يايدۇرىدىكەن.

كۇچا سۇچىلىق قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭپېنسىيەگە چىققان خىزمەتچىسى 82 ياشلىق لى جۈيىڭ 24 سائەتلىك پەرۋىش كەسپى مۇلازىمىتى بويىچە ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇققا ئېرىشتى. دۇڭچېڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسى (دوختۇرخانىسى) ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا، لى جۈيىڭ كەلگەنىدى، ئۇ چوڭراق بىر ئۆيدە تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى ھەم ئۆزىدە ساقلىق ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان ماتراس، ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى، ئۆرە تۇرۇپ قورساق قىسمىنى ئۇۋۇلاش ئەسۋابى، پۇت چىلاش تۇڭى قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈردى. بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، لى جۈيىڭ دۇڭچىڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسى (دوختۇرخانىسى)نىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغانلىرىدىن يىڭنە سانجىش، ئۇۋۇلاش، پۇت چىلاش قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى، ماتراس، ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقىدىننەچچە ھەسسە ياخشى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. «ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ ئۆيىدەتۇرغاندا، ئۇششاقكېسەللەر ئۈچۈن بالىلارنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمايتتىم، ھازىر ساناتورىيەدە تۇرۇۋاتقاندەكلا، نۇرغۇن كۈتۈنۈش بىلىملىرىنى بىلىۋالدىم».

ئىگىلىنىشىچە، دۇڭچېڭ ياشانغانلار ساناتورىيەسى (دوختۇرخانىسى) «كۈتۈنۈشكە ياردەم بېرىش پىلانى» خەلق تۇرمۇشى تۈرى لايىھەسى دۆلەتنىڭ «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش» سىياسىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ياشانغانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، 20 كارىۋاتنى نامرات ئائىلە، پەرزەنتىدىن ئايرىلغان ئائىلىلەردىكى ياشانغانلارغا ھەقسىز ياردەم بېرىشكە ئاجراتقان.