شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق ئىستېمال بازىرىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى

日期:2020年11月16日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ4-كۈنى تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئۈرۈمچى يېڭىشەھەر رايونىدىكى سۇنىڭ يىگوۋ مال سېتىۋېلىش دۇكىنى ئادەملەر بىلەن تولغانىدى، تىجارەتچىلەر «قوش 11» دا كۆپ خىل ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقنى يولغا قويۇپ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈردى.يۇقۇمنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش مۇلازىمەت كەسپىگە كەلتۈرگەن تەسىرىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئىستېمال بازىرىنى قايتا تولۇقلاش ۋە يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، قىزغىن قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «100 كۈندە1000 كارخانا شىنجاڭغا مەركەزلىك مەنپەئەت يەتكۈزۈش» ئىستېمال پەسلى پائالىيىتى نۇرغۇن نۇقتىلىق كەسىپلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، كەسىپلەر بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، شەھەر، يېزىلار بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، توردا ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولۇش شەكلى ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئىستېمالغا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى كۈچەيتكەن.

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى سۇنىڭ يىگوۋ مال سېتىۋېلىش دۇكىنىنىڭ شېرىكى لى شېڭ مۇنداق دېدى: «بىز توردا ۋە تور سىرتىدىكى تولۇق كۆرۈنۈشلۈك تىجارەت ئەندىزىسىگە تايىنىپ، «قوش 11» سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىگە ياردەم بەردۇق، بۈگۈنكى يولۇچىلار ئېقىمى ئىلگىرىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى، كۈنلۈك سېتىش سوممىسى ئىلگىرىكىدىن ئالتە ھەسسىگە يېقىن ئېشىپ 400 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭدىن باشقا، ئوخشاش تىپتىكى كۆپ خىل مەھسۇلاتنىڭ توردىكى يەككە باھاسىدىن 500 يۈەنگە يېقىن تۆۋەن بولدى، توڭلاتقۇ، تېلېۋىزور، كىرالغۇ بازىرى ئىتتىك مەھسۇلات بولۇپ قالدى.

11-ئاينىڭ 4-كۈنى سۇنىڭ يىگوۋ مال ساتقۇچىسى خېرىدارلارغا مەھسۇلات تونۇشتۇرماقتا.

شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يادرو قىلىپ، خەلققە قولايلىق، پايدىلىق بولۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تېمىسىدىكى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە نۇقتىلىق ئوبوروت كارخانىلىرى، نۇقتىلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، نۇقتىلىق سودىگەرلەر جەمىيىتىنىڭ كۈچىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، رايون، دەرىجە، ۋاقىت بويىچە تۈرگە ئايرىپ، ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇش پائالىيەتلىرىنى پىلانلىق ئۆتكۈزۈپ، كەسىپ ۋە ئىستېمالنىڭ قوش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بەردى.