شىنجاڭدا يولغا قويۇلغان ھايۋانات «ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق كىنىشكىسى» 711 مىڭغا يەتتى

日期:2020年11月13日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ مىن): نۆۋەتتە، شىنجاڭھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سۇپىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى پۈتۈن رايون بويىچە تاماملىدى، ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلىسىلا سويۇش-كارانتىن قىلىش، سۈپەت تەكشۈرۈش، بېقىلغان جايدا كارانتىن قىلىش ھەمدە باقمىچىلارنىڭ يۇقۇمدىن ساقلىنىش ھالقىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ ...... بۇمۇ شىنجاڭدا «ھايۋانات ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق كىنىشكىسى»نىڭ تېخىمۇ ئەقىلىيلەشتۈرۈلگەنلىكى، ئومۇملاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

11-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئايدا، شىنجاڭنىڭ ھايۋانات كارانتىن قىلىش ئېلېكترونلۇق گۇۋاھنامە چىقىرىش سىستېمىسى V2.0 ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر، ھايۋانات بېقىلغان جايدا كارانتىن قىلىش لاياقەتلىك ئىسپاتىدىن 711 مىڭى كېسىلگەن، 107 مىليون 951 مىڭ تۇياق چارۋا-قۇش كارانتىن قىلىنغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1 مىليون 54 مىڭ پارچە ھايۋانات سويۇش-كارانتىن قىلىش ئىسپاتى كېسىپ بېرىلىپ، ھايۋاناتلارنى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا كارانتىن قىلىش، سويۇش، يۆتكەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ھالقىلارنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

«بۇنداق بولغاندا ئاساسىي قاتلام ھايۋانات كارانتىن خادىملىرىنىڭ خىزمەت مىقدارى تۆۋەنلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھايۋانات ساقلىقىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئۈنۈمى ئاشىدۇ. شىنجاڭنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتى ھەر ۋاقىت يوللىنىدىغان، ھەر ۋاقىت ئارىلاپ تەكشۈرۈلىدىغان، ئارقا سۇپىدا ئانالىز قىلىنىدىغان چوڭ سانلىق مەلۇمات دەۋرىگە قەدەم قويدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسىنىڭ باش مال دوختۇرلۇق ئەمەلدارى ۋاڭ شياۋمىن.

بۇنىڭدىن باشقا، سۇپىدايەنە ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە كارانتىن ئىسپاتى چىقىرىش ھالقىسى ئېچىلىپ، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىئاپتوماتىك ئىگىلىنىپ، ھەر ۋاقىت تەھلىل قىلىنىپ، بېقىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش ئىزى قالدۇرۇلىدۇ.

«ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكاننېرلىسىلا، بىز ئىشلەپچىقارغان كالا، قوي مەھسۇلاتلىرىنىڭ باقمىچىلىق ئۇچۇرى، مەيدانغا كىرىش كارانتىن ئۇچۇرى، پۈتكۈل سويۇش، پىششىقلاش، بۆلۈپ ئوراش-قاچىلاش قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ، بۇ كالا، قوي گۆشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ» دېدى ئىلى فۇرۈندې دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى سۈپەت تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى چېن شياڭجۇڭ.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ سىستېما دۆلەت ھايۋانات كارانتىن سانلىق مەلۇمات مەركىزى بىلەن تولۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئۆلكە، شەھەرلەر بىلەن بولغان ئېلېكتىرونلۇق كارانتىن ئىسپاتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.