جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ پورتتىن كىرگەن، چىققان مال مىقدارى 2000 توننىدىن ئاشتى

日期:2020年11月13日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ما يىنىڭ): «قوش 11» مەزگىلىدە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى ئەشيا ئوبوروتى شىركىتى شىنجاڭ تىجارەت بۆلۈمى پوچتا، شۇنفېڭ، جىڭدۇڭ قاتارلىق تېز يوللانما يەتكۈزۈش كارخانىلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا پورتتىن كىرىدىغان، چىقىدىغان يۈك، پوسولكا مىقدارى 2000 توننىدىن ئاشتى.

بۇ قېتىمقى«قوش 11»دا ئالدىن سېتىلغانلىقتىن، تاۋباۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق تور سودىگەرلىرىنىڭ ئالدىن سېتىشنى تېزلىتىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىلگىرىكى يىللاردىكى تىرانسپورتنىڭ ئەڭ جىددىي ۋاقتى «قوش11»دىن كېيىنكى بىر ھەپتە ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ يىل يېرىم ئاي ئالدىغا سۈرۈلگەن. ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئالدىن سېتىش ئىستېمالچىلارنىڭ ئالدىن سىتىۋېلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تېز يوللانما ساھەسىگە ئېلىپ كەلگەن بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتكەن.

«قوش 11» مەزگىلىدە، ئاقسۇ ئالمىسى، كورلا نەشپۈتى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى «ۋاڭخۇڭ» مەھسۇلاتلارغا ئايلاندى، بۇنىڭدىن باشقا، قۇرۇق ئۈزۈم، بادام، ياڭاق قاتارلىق قۇرۇق مېۋىلەرمۇ قارشى ئېلىنىپ، ئاساسلىقى بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە توشۇلدى. «قوش 11» ئەندىزىسىگە كىرگەندىن كېيىن، جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى شىنجاڭ تىجارەت بۆلۈمىدىن پورتتىن ئۆتىدىغان ماللار ئىچىدە كىيىم-كېچەك، ئاياغ، يان تېلېفون، ئويۇنچۇق قاتارلىق كۈندىلىك بۇيۇملار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.