تۇنجى «سەينياۋ ناملىق — ئالاتاۋ مەخسۇس پويىزى» قاتناپ، 200 مىڭ يۈرۈش توردىن سېتىۋېلىنغان پوسۇلكىنى ياۋروپاغا ئېلىپ ماڭدى

日期:2020年11月05日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ شياۋمىن، چىلگېر): 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2020-يىللىق «قوش 11» «سەينياۋ ناملىقئالاتاۋ مەخسۇس پويىزى»نىڭ قوزغىلىش مۇراسىمى ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا ئىلغاش، تاموژنا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

تۇنجى مەخسۇس پويىزغا ياۋروپا ئىستېمالچىلىرى «قوش 11» مەزگىلىدە سېتىۋالغان 200 مىڭ يۈرۈش پوسۇلكا قاچىلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى جۇڭگونىڭ 3C رەقەملىك مەھسۇلاتلىرى، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە كۈندىلىك بۇيۇم، تۈرلۈك مالقاتارلىقلاردىن ئىبارەت، بۇ پوسۇلكىلارنىڭ 10 كۈن ئەتراپىدا ياۋروپاغا يېتىپ بېرىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئارقىدىن سەينياۋ ياۋروپا يۈك ئاپتوموبىل تورى ئارقىلىق تېزلىكتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 28 دۆلەتكە يەتكۈزۈلىدىكەن.

سەينياۋ تورى ئالىبابا گۇرۇھىنڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئالاقە تورى پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتىدىكى تايانچ تور ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتىنىڭ ۋاقىت ئۈنۈمى ۋە ئابونىچىلارنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكەكۈچ چىقارغان.

بۇ يىل 3-ئايدا، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى سەينياۋ تورى بىلەن بىرلىكتە «ئالاتاۋ تاشيول-تۆمۈر يول بىرلىشىپ توشۇش» ئەندىزىسىدىكى سىناق تىجارەتنى يولغا قويۇپ، ئالاتاۋ پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى كۆپ، لىنىيەسى كەڭ، گۇرۇپپىلاپ يولغا سېلىشى جانلىق بولۇشتەك ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان پوسۇلكىلارنى سەينياۋنىڭ مەملىكەت دائىرىسىدىكى ئامبارلىرىدىن ھەرۋاقىت ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا يولغا سېلىپ، تاموژنا ئېلېكترونلۇق تالون شەكلى ئارقىلىق تەستىقلاپ ماڭدۇرغاندىن كېيىن، كونتېينېر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن چىققاندىن كېيىن بىۋاسىتە ۋوگزالدىن ياۋروپاغا توشۇلۇپ، ئەشيا ئوبوروت ۋاقىت ئۈنۈمى %10تىن ئارتۇق ئۆرلىگەن.

ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دى يۇڭجياڭ مۇنداق دېدى: «يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن، ئالاتاۋ چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا ئومۇمىي كەسىپ مىقدارى 50 مىليون تالوننى بۆسۈپ ئۆتىدۇ، بىز چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا تاموژنىدىن ئۆتۈش يوللىرىنى داۋاملىق ياخشى قۇرۇپ،تۈرلۈك سىياسەتلەردىن جانلىق، ياخشى پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا كەسپىنى تېزدىن كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا سودا ئۇنىۋېرسال سۇپىسى قۇرۇلۇشىقەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىمىز».

ھازىرغىچە، ئالاتاۋ شەھىرى چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا بويىچە 43 مىليون تالون ئېكسپورت قىلىپ، 1 مىليارد 50 مىليون يۈەنلىك ئېكىسپورت سودا سوممىسنىئەمەلگە ئاشۇرغان.