سەككىز ئاپتوموبىل يورۈش يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول سىزگە شىنجاڭچە يۇقىرى سۈرئەتنى ھېس قىلدۇرىدۇ

日期:2020年11月02日
来源:天山网
【字体:

ئۈرۈمچىدىن شياۋساۋخۇغىچە

ئەسلىدە ئىككى سائەتلىك يول ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە بىر سائەتكە قىسقىراپ،

ۋاقىتنىڭ يېرىمىنىڭ تېجىلىشى

شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلانغانلىقىدىن بولدى

يېقىندا، شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى(G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى)نى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرىدە قاتناش باشلىنىپ، شىنجاڭدا قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 481 كىلومېتىرغا يەتتى، ئۈرۈمچىدىكى ئۈچ چوڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يول قاتنىشى، يول يۈرۈش تېخىمۇ راۋانلاشتى.

ئەمدى بۇ ھەيۋەتلىك سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى بار شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىغا قاراڭ.

قوش يۆنىلىشلىك، تۆت ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىنىڭ دەرىجىسى قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىغا ئۆستۈرۈلدى.

شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشى تېخىمۇ راۋانلاشتى.

ئەسلىدىكى تاغ گەۋدىسىنى ئايلاندۇرۇپ ياسالغان كونا يولنىڭ ئورنىنى

يېڭىدىن ياسالغانيەتتە تونېل ئىگىلىدى.

جۇڭگو قاتناش گۇرۇھى 2-تاشيول ئىدارىسى شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرى ئۈچ يول توختام بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ ئەنلۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش تۈرى ئەسلىدە كونا يولدىكى جىلغا يول بۆلىكى بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 60 كىلومېتىر ئىدى، يېڭىدىن قۇرۇلغان تونېل تاغ گەۋدىسىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىر(تونېل ئىچىدە)، 120 كىلومېتىر قىلىنغان، گەرچە ئارىلىقى ئانچە قىسقارمىسىمۇ، ئەمما سۈرئەت ئاشۇرۇش ۋە بىخەتەر يول يۈرۈشئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.

ئۈرۈمچىگە كىرىپ چىقىدىغان ئۈچ ئاساسلىق يول بولۇش سۈپىتى بىلەن،قاتناش باشلانغاندىن ھازىرغىچە، شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى، داخۇاڭشەن-ئۈرۈمچى، ئۈرۈمچى-كۇيتۈن ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلانغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاۋات يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لىنىيە بويىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، قاتناش مىقدارى شىددەت بىلەن ئېشىپ، تاشيولنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قاتناش تەلىپىگە ماس كەلمەي قالغان.

2016-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى شياۋساۋخۇ-ئۈرۈمچى(G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ شياۋساۋخۇدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى)، داخۇاڭشەن-ئۈرۈمچى (G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ داخۇاڭشەندىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكى)، ئۈرۈمچى-كۇيتۈن(G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچىدىن كۇيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى)نى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى رەسمىي يولغا قويغان، 2019-يىلى، شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدە قوش يۆنىلىشلىكسەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول —داخۇاڭشەن-ئۈرۈمچى، ئۈرۈمچى-كۇيتۈن غول لىنىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك قاتناش باشلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يول قاتنىشىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يېڭى دەۋرىگە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بەرگەن.

ئاپتوموبىللار ئۆتۈشۈپ تۇرغان سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول

ئادەمنى مەپتۇن قىلىپ،

يىپيېڭى بىر يولنى نامايان قىلىدۇ.

ئومۇميۈزلۈك دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا

شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى يىپيېڭى قىياپەتتە

شوپۇرلارغا مۇلازىمەت قىلماقتا.

ئەلۋەتتە

يولغا چىققاندا بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشىمۇ ئاز ئەمەس،

    ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى سۈن شيەنكۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە شىنجاڭدا قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى باريۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 481 كىلومېتىرغا يېتىپ، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ قاتناش سۈرئىتى ۋە ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، «شىنجاڭنىڭ ئىچىنى ھالقىسىغان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىش-چىقىشنى تېزلىتىش» نىشانىنى تېزلىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.