ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى:

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

日期:2019年01月29日
来源:新疆日报
【字体:

1- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇش، قوللىنىلىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆردى ۋە تەتقىق قىلىپ ئۆگەندى ھەم قۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۈكسەلدۈرۈش ۋە چوڭقۇر قوللىنىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما- تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ئارقىلىق، تۇرغۇن ھالەتتىكى سانلىق مەلۇماتنى «جانلاندۇرۇپ»، ئارخىپ ئۇچۇرلىرىنى «ھەرىكەتلەندۈرۈپ»، پەرقلىق دەل جايىدا ياردەم بېرىپ يۆلەش، ھەرىكەتچان ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە دەل جايىدا بايلىقنى تەقسىملەش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئالتە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە ئاساسىي قاتلامنى مۇرەككەپ جەدۋەللەر ئارىسىدىن ئازاد قىلغىلى بولىدۇ، ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور. 2018- يىلى 11- ئايدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى قوللىنىش نەق مەيدان كۆرەك يىغىنىنىڭ تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى قۇرۇش، قوللىنىشنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، داغدۇغىلىق ئالغا سىلجىتىپ، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە تۇرغۇن كۆرگەزمە قىلىش، ھەرىكەتچان باشقۇرۇش، نازارەت قىلىپ سېلىشتۇرۇش، دەل جايىدا بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق فۇنكسىيەلەرنى توپلاشتۇرۇپ بىر گەۋدە قىلغان ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر باشقۇرۇش سۇپىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ، باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشتى. قوللىنىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى- تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش، ئوڭ- سول ھەمتۈرۈتكە بولۇش، مۇھىمنى ئاساسىي قاتلامغا قويۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئەمەلىيەت داۋامىدا توختىماي ئىزدىنىپ، سۇپىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇپىنىڭ باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى پەن- تېخنىكا ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى ئاساسىي قاتلامدا، ئاساسى ئاساسىي قاتلامدا. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى قۇرۇش، قوللىنىشنى ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ بىرىنچى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىلىق رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ كونكرېت تۇتۇشى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ ئەمەلىي ۋاقىتتا جانلىق خاتىرىلىشىگە بىرتۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى- تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، ئوڭ- سول ماسلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سۇپىنى ھەقىقىي «جانلاندۇرۇش»، ئىشلىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش- روناق تاپقۇزۇش ئىشخانىسى تەشكىللەپ قۇرغان خىزمەت مەخسۇس بەنلىرى مۇقىملىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۈكسەلدۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوندىكى باشقا نامرات ناھىيەلەر ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى بار نامرات ئەمەس ناھىيەلەرگىچە تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە تولۇق قاپلاشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشنى ئاساسىي سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.