قالتىس! شىنجاڭدا يەنە بىر «دۆلەت تىزىملىكى» خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى كۆپەيدى

日期:2020年10月19日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى 4-تۈركۈمدىكى جۇڭگو خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى،شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەكەن بادىمى جۇڭگو خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

ئىگىلىنىشىچە، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى قاتارلىق يەتتە تارماق قانات يايدۇرغان جۇڭگو خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى بەرپا قىلىش ۋە تاللاش خىزمىتىدە، ناھىيە، شەھەر (بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى، ئورمان رايونى)لەرنىڭ ئىلتىماس قىلىشى، ئۆلكە دەرىجىلىك تەۋسىيە قىلىش، مۇتەخەسسىسلەر باھالاش قاتارلىق تەرتىپلەردىن كېيىن، جۇڭگو خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونىدىن 79ى تاللاپ چىقىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەكەن بادىمى جۇڭگو خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى ئىچىگە تىزىلغان، بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا جۇڭگو خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونىدىن 10ى بار بولدى.

مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بادام ئۆستۈرۈش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەكەن ناھىيەسىنىڭ«پۈتۈن مەملىكەت بويىچە داڭلىق، ئالاھىدە، ئەلا، ئىقتىسادىي ئورمان بادام يۇرتى» دېگەن گۈزەل نامى بار.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەكەن ناھىيەسى بادامنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى پائال كىرگۈزۈش، بادام كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق، «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بادامنى ئىنچىكە پىششىقلاش ئارقىلىق بادام سۈتى، بادام يېغى قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىراردى، بادام سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئارقىلىق بادام كەسپىنى بەرپا قىلدى.

بادامنىڭ كەسىپ ئۈنۈمىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ،تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بادام ئۆستۈرۈش قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، بادام ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇردى،بادام دېھقانلارنىڭ «بېيىش مېۋىسى»گە ئايلاندى.

ئابدۇرازاق ئابدۇقادىر يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى بۆلۈمە كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇنى خۇشال قىلغىنى، بۇ يىل ئۇ ئۆستۈرگەن بادام ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ مېۋە بەردى.

«مەن 10 مو بادام تېرىدىم، ھەر مو يەردىن ئاز دېگەندە 150 كىلوگىرام ھوسۇل ئالىمەن، بىر مو يەردىن 4500 يۈەن كىرىم قىلالايمەن، بۇ يىل بادامغا تايىنىپلا 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايمەن» دېدى ئابدۇرازاق.

يەكەن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەنىڭ بادام ئۆستۈرۈش كۆلىمى 920 مىڭ مو بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ باغۋەنچىلىك ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %66.4ىنى ئىگىلەيدۇ، پۈتۈن ناھىيەدىكى بادام ئۆستۈرگۈچىلەر 120 مىڭ ئائىلىلىكتىن ئاشىدۇ، يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەكەن بادىمى جۇڭگو خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونىغا تاللانغاندىن كېيىن، يەكەن ناھىيەسىمۇ بادام سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بادام سۈپەتلىك ماركىسىنى ياخشى يارىتىپ، بادامنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى زورايتىپ، بادام كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

جۇڭگو خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى دەپ بېكىتىلگەن رايونلاردا دۆلەت كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ،سىياسەت بەلگىلىمىسى بويىچە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار مەبلەغنى تەرتىپكە سالىدۇ،بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئامباردا يېڭى پېتى ساقلاش سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى قۇرۇلۇشى، «ئالاقە تورى +» يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كەنتتىن چىقىرىپ شەھەرگە كىرگۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ياخشى بىرىكتۈرۈپ، بازار ئوبوروت ھالقىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ،جۇڭگو خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەكەن بادىمىدىن باشقا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ئۈچ تۈركۈم جۇڭگو خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى تىزىملىكىدە، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا نەشپۈتى،تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى تۇرپان قوغۇنى،بىڭتۇەن 1-شىسى 3-تۇەن ئارال قەغەز ياڭىقى،قاغىلىق ناھىيەسى قاغىلىق ياڭىقى،بىڭتۇەن 1-شىسى ئارال شەھىرى ئارال چىلىنى،چاقىلىق ناھىيەسى چاقىلىق چىلىنى،پىچان ناھىيەسى تۇرپان ئۈزۈمى،بىڭتۇەن 5-شىسى قوش ئۆگۈز ئۈزۈمى،يېڭىسار ناھىيەسى يېڭىسار ئۆرۈكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونىغا تاللانغان.