ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى

قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك

日期:2019年01月24日
来源:新疆日报
【字体:

1- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەت تەپسىلىي قائىدىسى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركەزنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم زور ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، سوتسىيالىزمنىڭ ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا قىلچىمۇ بىخەستەلىك قىلماسلىق كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلاتلىرى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ رولى، پارتىيەنىڭ خىزمىتى، پارتىيەنىڭ پائالىيىتى، پارتىيەنىڭ ئەۋزەللىكى، پارتىيەنىڭ كۈچىنى زورايتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەتنى ياخشى تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈش ۋە «توغراق روھى بىلەن ئادەم تەربىيەلەش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش» باش تېما تەربىيە پائالىيىتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپ بازىسىنى ياخشى قوغداپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتى ۋە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى ياخشى تۇتۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مائارىپ خىزمىتىدىكى پىرىنسىپال، تۈپ خاراكتېرلىك ۋە يۆنىلىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى پۇختا ئىگىلەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش، ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچەپ چوڭ ئىشلارنى كۆزلەپ، چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ، چوڭ ئىشلارنى تۇتۇپ، مائارىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.