مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى غېنى جۈمەدىن ھال سورىدى

日期:2019年01月24日
来源:新疆日报
【字体:

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 1- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلار ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، 1- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى غېنى جۈمەنى يوقلاپ، ئۇنىڭدىن ھال سوراپ، ھال سوراش پۇلى ۋە چاغانلىق تىلەكلەرنى يەتكۈزۈپ، ئۇنى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

2005- يىلى 4- ئاينىڭ 2- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىتتىپاق يولى سەنشىخاڭزا كوچىسىدا، بىر قارا نىيەت ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر خەنزۇ قىزنى بۇلاۋاتقاندا، شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان غېنى جۈمە ئۈچ قېرىندىشى بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ: «قولۇڭنى تارت، ئۇ مېنىڭ سىڭلىم!» دەپ ۋارقىرىدى. «سىڭلىسى»نى قۇتقۇزۇش يولىدا غېنى جۈمە ئېغىر يارىلاندى، كىشىلەر ئۇنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىشتەك ئىلغار ئىش- ئىزلىرىغا ئاپىرىن ئوقۇدى. 2007- يىلى، غېنى جۈمە شەرەپ بىلەن «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» نامىغا ئېرىشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، غېنى جۈمە ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تىيانشان رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى شىخابا ساقچىخانىسنىڭ خەلق ساقچىسى بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسىنىڭ غەمخورلۇقىغا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن، مەن پەقەت ئۆزۈم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلدىم. بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ھاياتىمنى ھەققانىيەتنى قوغداشقا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشقا بېغىشلايمەن.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى ھەر يىلى مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ھال سوراش، ئۇلارنى يۆلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، قانات يايدۇرۇپ، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەم جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. 2019- يىللىق چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايون پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار 100 نەپەر ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسىدىن ھال سوراش، ئۇلارنى يۆلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاق- پەزىلەتكە، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئەخلاق- پەزىلەتلىك كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان، ئەخلاق- پەزىلەتنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى بەرپا قىلىدۇ.