تۇمشۇق تۆمۈريولى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن رەسمىي تۇتاشتۇرۇلدى

日期:2020年09月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر مۇ جىپېڭ، خې شاڭخەي خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەڭ ئاخىرقى بىر گۇرۇپپا ئاچالنىڭ ئوڭۇشلۇق قىستۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى رېلىس ئۇلاش تاختىسى ئورنىتىشقا باشلىدى. بۇ، تۇمشۇق تۆمۈريولىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن رەسمىي تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

تۇمشۇق تۆمۈريولى شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مارالبېشى ناھىيەسى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شىسى تۇمشۇق شەھىرى تەۋەسىگە جايلاشقان بولۇپ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 39 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ، يەككە لىنىيەلىك يولۇچى-يۈك توشۇش ئورتاق لىنىيەلىك تۆمۈريولى بولۇپ، ئالدىن ئېلېكتىرلەشتۈرۈش بوشلۇقى قالدۇرۇلغان، سائەتلىك سۈرئىتى 100 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن. بۇ لىنىيە جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى چارباغ بېكىتىدىن باشلىنىپ، شەرقىي جەنۇبقا قاراپ سوزۇلۇپ تۇمشۇق شەھىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ.

«بۇ قېتىمقى رېلىس ئۇلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز 6-ئايدىن باشلاپ چارباغ بېكىتى لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك تەييارلىق قىلىپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇشنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ نورمال ترانسپورتىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ، بىز كەچلىك پويىزنىڭ يۈرۈش ئارىلىقىدىن پايدىلىنىپ، 300دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىنى تەشكىللەپ ئۇدا يەتتە كېچە كۈرەش قىلىپ، بۇ قېتىمقى لىنىيە ئۇلاش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق، شۇنداقلا يەنە تۇمشۇق تۆمۈريولىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە قاتناش باشلىشىغا پۇختا ئاساس سالدۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ ئۇچاستىكا رېلىس ئاچال مەخسۇس رېمونت ئەترىتىنىڭ مۇدىرى چېڭ خۇ تونۇشتۇرۇپ.

ئىگىلىنىشىچە، تۇمشۇق شەھىرى شىنجاڭ قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، خوتەن قاتارلىق تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستىنىڭ مەركىزىي رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتكە ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۇمشۇق شەھىرىنىڭ سىرت بىلەن بولغان يولۇچى-مال ئالماشتۇرۇش كۆلىمى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. تۇمشۇق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش مۇھىتىنى ياخشىلاپلا قالماي، يەنە غەربىي قىسىم يول تورىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يول بويىدىكى سانائەت كەسىپلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، يۇغۇرما سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.