«قوش بايرام» مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ھەقسىز قاتنايدۇ

日期:2020年09月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىخىتىيارىي مۇخبىرلار يىن يۈتىڭ، شۈي جىجۈەن خەۋىرى): 2020-يىلى، جۇڭچيۇ بايرىمى بىلەن دۆلەت بايرىمى تەڭ كېلىپ، ئىككى بايرام بىرلىشىپ، سەككىز كۈنلۈك «دۆلەت بايرىمى»لىق ئالتۇن ھەپتە دەم ئېلىشى كېلىپلا قالماي، يەنە بۇ سەككىز كۈندە يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ھەقسىز قاتنايدۇ.

قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقىنىڭ «مۇھىم، چوڭ بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئالماسلىقنى يولغا قويۇش لايىھەسى»گە ئاساسەن، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ ھەقسىز يول يۈرۈشى پەقەت چاغان، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن تۆت بايرام-دەم ئېلىش كۈنىگە قارىتىلىدۇ. جۇڭچيۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يول يۈرۈش ھەقسىز بولمايدۇ، لېكىن، بۇ يىل جۇڭچيۇ بايرىمى بىلەن دۆلەت بايرىمى تەڭ كەلگەچكە، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش يەتتە كۈندىن سەككىز كۈنگە ئۇزارتىلغان، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەقسىز يول يۈرۈش كۈن سانىمۇ ئىلگىرىكى يىللاردىكى يەتتە كۈندىن سەككىز كۈنگە ئۇزارتىلغان.

بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە (10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە)، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا يەتتە كىشىلىكتىن تۆۋەن (يەتتە كىشىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يۈرۈش ھەققى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، كونكرېت ھەق ئېلىنمايدىغان ۋاقىت: 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت نۆلدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 24 كىچە (بېيجىڭ ۋاقتى).

9-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھەقسىز يۈرۈش مەزگىلىدە، ئادەتتىكى تاشيولدا ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، يېپىق شەكىلدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ھەقسىز يۈرۈش يولىدا كارتا تارقىتىلمايدۇ، توسۇق ئېلىۋېتىلىپ يۈرۈشكە يول قويۇلىدۇ، ETC ئاپتوموبىل يولىنىڭ ھەممىسى نورمال ئېچىۋېتىلىدۇ، بىر ئاپتوموبىل بىر توسۇقتا ئۆتۈش يولغا قويۇلىدۇ. يېپىق ھالەتتىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن، ئىككى ۋاقىت بۆلىكىگە بۆلۈنۈپ يول يۈرۈش ئىسپات قەغىزى تارقىتىلىدۇ.

بايرام مەزگىلىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، شىنجاڭ تاشيول تارماقلىرى ھەق ئېلىش پونكىتى، مۇلازىمەت رايونلىرىنى بايرامدىن بۇرۇن بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈپ، ھەق ئېلىش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى، ئىقتىدارىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، قاتناش-تىرانسپورت تارماقلىرى يەنە جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچىلىرى، مېتېئورولوگىيە قاتارلىق تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تاشيول بويىدىكى LED ئۆزگىرىشچان ئەھۋال مەلۇم قىلىش تاختىسى، قاتناش رادىيوسى قاتارلىق تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، بايرام-دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تاشيول قاتنىشى يول يۈرۈش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى مۇۋاپىق تاللىشىنى ئالدىن ئۇقتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئاپتوموبىللارنىڭ زىيادە مەركەزلىشىپ قېلىشى، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا قىستاڭچىلىق پەيدا بولۇشىدىن ساقلايدۇ.