شىنجاڭدا 2000دىن ئارتۇق ھاجەتخانا 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايوننى قاپلىدى

日期:2020年09月29日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى، ئۈرۈمچى، 9-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىسى (لى مېڭتىڭ): غەربىي رايونغا ساياھەتكە كەلگەن نۇغۇن كىشىلەر ئىلگىرى مۇنداق ئوڭايسىز ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەن: يول بويى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھەيۋەتلىك گۈزەل تاغ-دەريالار، مەنزىرىلەرنى بويلاپ كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز تەرىتى قىستىغانلىقتىن، مەنزىرە رايونىنىڭ كۆرسەتكۈچ تاختىسىنى بويلاپ مېڭىپ ئاران تاپقان ھاجەتخانا ئىچىنىڭ ئىنتايىن مەينەتلىكىنى، كىرگۈسى كەلمەيدىغانلىقىنى، ئامالنىڭ يوقلىقىدىن ئالدىراش كىرىپ-چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارغا يولىقىمىز.

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانا.

جۇڭ يۈجۇڭ فوتوسى

ئەمدىلىكتە، بۇنداق ئەھۋاللار شىنجاڭدىكى مەنزىرە رايونلىرىدا كۆرۈلمەيدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بايلىق ئېچىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چۈنمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە، شىنجاڭدا 2000دىن ئارتۇق ھاجەتخانا 3A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونلىرى، مۇھىم ساياھەت شەھەرلىرى، ساياھەت قىزىق نۇقتا لىنىيەلىرىنى قاپلىدى.

قاراماي شەھىرى موگۈيچېڭ مەنزىرە رايونىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانا.

(سۈرەتنى قاراماي شەھەرلىك ئورقۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن)

ھاجەتخانىلارنىڭ «مەينەت، قالايمىقان، ناچار» مەسىلىسى مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن مەنزىرە رايونلىرى ئۇزاققىچە تۈزەپ بولالمىغان ھالەت، زېمىنى كەڭ شىنجاڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جايلاردىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەنزىرە رايونىدا «ھاجەتخانا تېپىش تەس بولۇش» مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىپ، ئىلگىرىكى قالاق ساياھەت ئوبرازى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىلدى.

قاراماي شەھىرى يۈلۇڭ مەيدانىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانا.

(سۈرەتنى قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن)

«ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدا ساياھەت ھاجەتخانىلىرىنىڭ سانى تېز ئېشىش بىلەن بىللە، ئىقتىدار جەھەتتە بارغانسېرى زامانىۋىلىشىپ ۋە ئادىمىيلىشىپ، ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن بولغان «سىڭىشىش دەرىجىسى» بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.