ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18- قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

日期:2020年09月21日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجاۋ جىيۈنخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 52 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ كىلىمات بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىش، پايدىلىنىش نىزامى» «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت نىزامى» «ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش نىزامى» ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۇچا ناھىيەسىدە ناھىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ شەھەر تەسىس قىلىشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئېقىنتال شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر، ئاپتونوم رايوننىڭ بايلىق بېجىغا كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى، ھېسابلاب ئېلىش ئۇسۇلى ھەم باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش چارىسى، «ئاپتونوم رايوننىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى سايلام چارىسى» قاتارلىق 12 يەرلىك نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «قومۇل شەھىرىنىڭ مەدەنىي ھەرىكەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» «تۇرپان شەھىرىنىڭ قۇرۇق ئۈزۈم سۈپىتىنى باشقۇرۇش نىزامى» «كورلا شەھىرىنىڭ شەھەر رايونىدا ئىت بېقىشنى باشقۇرۇش نىزامى» «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قايدۇ - كۆنچى دەرياسى ئېقىن رايونىنىڭ سۇ مۇھىتىنى ئاسراش ھەم بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نىزامى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2019 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك نەق چوتى، 2020 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوتنى تەڭشەش لايىھەسىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بەزى ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى توختىتىش توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دائىمىي كومىتېتنىڭ بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ياخشى ئورۇنداشتا ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر. ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، سۈرئەتنى ئاشۇرۇشتەك كۈرەش ھالىتى بىلەن، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، يۇقۇم دەخلى قىلغان ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كېلىپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى قەتئىي ياخشى ئورۇنداش كېرەك.

يىغىندا، يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرىغا تەيىننامە تارقىتىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جۇ خەيلۇن، لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چۇڭجيۇ، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 97 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇلىدىغان لايىھە قارار قىلىندى.