تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خې لىڭ خەۋىرى): G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ ئۈرۈمچى-كۈيتۈن بۆلىكىدىكى «تۆت ئاپتوموبىل يۈرۈش يولىنىسەككىز ئاپتوموبىليۈرۈش يولىغا ئۆزگەرتىش» قۇرۇلۇشىدا يەنە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى: ئەسلىدىكى سەنپىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىدا پات ئارىدا يېپىق ھالەتتە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇش مەزمۇنى ئەسلىدىكى سەنپىڭ ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى چۇۋۇش، يوللارنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، قۇرۇلۇش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە.
قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان مەزگىلىدە، باگاڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن كىرىپچىقىدىغان G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ باغلىما يولى پۈتۈنلەي ئېتىۋېتىلىدۇ. سانجى يۆنىلىشى ۋە سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى يۆنىلىشىگە بارىدىغان ئاپتوموبىللاردوڭپىڭ يولى ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن ئايلىنىپ ماڭسا بولىدۇ.