شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى

日期:2020年09月19日
来源:天山网
【字体:

(2020-يىل 9-ئاي)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى

مۇندەرىجە

كىرىش سۆز

1. شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي ئەھۋالى

2. پائال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى

3. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلدى

4. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلدى

5. ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش گۈزەل تۇرمۇش ياراتتى

6. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى

ئاخىرقى سۆز

كىرىش سۆز

ئەمگەك ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ماھىيەتلىك پائالىيىتى. ئەمگەك گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدۇ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئىنسانلار مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»دا پۇقرالارغا ئەمگەك قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە مەجبۇرىيىتى يۈكلەنگەن. ئەمگەك قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئادەمنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىغانلىق، كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلغانلىق.

جۇڭگو نوپۇس چوڭ دۆلىتى، شۇنداقلا ئەمگەك كۈچى چوڭ دۆلىتى. ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى. ئەمگەكچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئەمگەك قىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ ھەممە ئادەمنى غەيرەت بىلەن ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

دۆلەتنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى زور سىياسەت، فاڭجېنلىرى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، جۇڭگو شىنجاڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى، ئۇل قۇرۇلۇش قىلىپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، بازار ئارقىلىق تەڭشەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇردى. ئاكتىپ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

بىرىنچى، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي ئەھۋالى

شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال چېگرا رايونىغا جايلاشقان، ئۇزاقتىن بۇيان، تارىخ ۋە تەبىئەت قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان، نامرات نوپۇس بىرقەدەر كۆپ. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست (خوتەن ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى)نىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناچار، ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە يېتەرسىز بولۇپ، دۆلەت بېكىتكەن ئېغىر نامرات رايون. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇزاقتىن بۇيان زوراۋان - تېررورچى كۈچلەر، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر «ئاخىرەتنى خۇدا پۈتكەن» «دىنىي قائىدە دۆلەت قانۇنىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»نى تەرغىب قىلىپ، كەڭ ئاممىنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە قارشى تۇرۇشقا، زامانىۋى ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى چەتكە قېقىشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆگىنىش، ئىگىلەش، ئىقتىسادىي شارائىتنى ياخشىلاش، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى رەت قىلىشقا قۇترىتىپ، بىر قىسىم ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى قارىشىنىڭ قالاق، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرسىز، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنىڭ بىرقەدەر تۆۋەن، كىرىمىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك بولۇشى، تۇرمۇشىنىڭ ئۇزاققىچە نامرات ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەھمىيىتى مۇھىم، زور. بولۇپمۇ 2012 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمچانلىقىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى سىجىل ياخشىلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، تۇرمۇش سۈپىتى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

سىياسەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ساداسىغا ئۇيغۇنلىشىپ ھەم ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <13 - بەش يىل>لىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىرىك پىلانى» قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تۈزۈپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مالىيە جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش، باجدا ئېتىبار بېرىش، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش ۋە شەھەر - يېزا، رايون، كىشىلەر توپىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ھەمدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىش، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى پۇختا تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. دىققەتنى ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، شەھەرگە تەرتىپلىك كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭدا ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 11 مىليون 352 مىڭ 400 ئادەمدىن كۆپىيىپ 13 مىليون 301 مىڭ 200 ئادەمگە يېتىپ، %17.2 ئاشتى؛ شەھەر - بازارلاردا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 471 مىڭ 200 ئادەمدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكىلەر 148 مىڭ ئادەم بولۇپ، %31.4نى ئىگىلىدى؛ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 2 مىليون 763 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكىلەر 1 مىليون 678 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، %60تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇردى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، 1 - كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، 2 - كەسىپتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، 3 - كەسىپنى زور تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى 3 - كەسىپكە تەرتىپلىك يۆتكىلىشكە يېتەكلىدى. ئۈچ كەسىپتىكى جايلىشىشىدىن قارىغاندا، ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2014 - يىلى 45.4:16.0:38.6 ئىدى، 2019 - يىلى 36.4:14.1:49.5 بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، 3 - كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 10.9 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلىنغانلار ئەڭ كۆپ كەسىپكە ئايلاندى. شەھەر، يېزىلاردىكى جايلىشىشتىن قارىغاندا، بارغانسېرى كۆپ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى شەھەر - بازارلارغا يۆتكىلىپ، شەھەر - بازارلارنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيدى. 2014 - يىلى شەھەر - بازارلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى 5 مىليون 354 مىڭ ئادەم ئىدى، 2019 - يىلى كۆپىيىپ 7 مىليون 341 مىڭ 700 ئادەمگە يېتىپ، بارلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ %55.2ىنى ئىگىلىدى.

ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى، ئالىي مائارىپى، كەسپىي مائارىپىنىڭ ھەممىسى تارىخىي ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. 2019 - يىلى، ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 453 مىڭ 800 بولۇپ، 2014 - يىلىدىكىدىن 146 مىڭ 200 ئوقۇغۇچى كۆپەيدى؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ بويىچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 1 مىليون 843 مىڭ 600 بولۇپ، 2014 - يىلىدىكىدىن 147 مىڭ 600 ئوقۇغۇچى كۆپەيدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى دەۋرنىڭ بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئەمگەكچىلەر چوڭ قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن شەھەر، يېزىلاردىكى تۈرلۈك ئەمگەكچىلەردىن 1 مىليون 288 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەنگەن، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 451 مىڭ 400 ئادەم قېتىم تەربىيەلەنگەن. تەربىيەلەشكە قاتناشقانلار ئاز دېگەندىمۇ بىر تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئىگىلىگەن، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى، كەسپىي ماھارەت دەرىجە گۇۋاھنامىسى ياكى مەخسۇس تۈردىكى كەسپىي ئىقتىدار گۇۋاھنامىسى ئېلىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان.

ئاھالىلەر ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى پۇختا قەدەمدە ئاشۇردى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى 23 مىڭ 200 يۈەندىن كۆپىيىپ 34 مىڭ 700 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا %8.6 نامىي ئاشتى، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى 8724 يۈەندىن كۆپىيىپ 13 مىڭ 100 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا %8.9 نامىي ئاشتى؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى 27 مىڭ 600 يۈەندىن كۆپىيىپ 40 مىڭ 700 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا %8.5 نامىي ئاشتى، ليەندۈي ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى 13 مىڭ 900 يۈەندىن كۆپىيىپ 22 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا %9.9 نامىي ئاشتى. پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە شەھەر - بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىن باشقا ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 53 مىڭ 500 يۈەندىن كۆپىيىپ 79 مىڭ 400 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا %8.4 ئاشتى؛ شەھەر - بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 36 مىڭ 200 يۈەندىن كۆپىيىپ 45 مىڭ 900 يۈەنگە يېتىپ، يىلىغا %5.4 ئاشتى. 2018 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ھەم بىڭتۇەندىكى تۆت ئېغىر نامرات تۇەن - چاڭدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 155 مىڭ ئەمگەك كۈچى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

پاكىت شۇنى چۈشەندۈردىكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى خىزمىتى كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەت ياخشى بولدى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسى ئاجىز بولۇش، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانى كۆپ بولۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى سەۋىيەسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى قارىشىنى ئۆزگەرتىش شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ھەل قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە.

ئىككىنچى، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش، يولغا قويۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، سىجىل ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى.

كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمچانلىقىنى كېڭەيتتى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپ مەنبەلىك كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەم كاپىتال، تېخنىكا ۋە بىلىم زىچ توپلاشقان ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەم توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئىستېمال، ئېلېكتىرون، ئاياغ - باش كىيىم، چامدان - سومكا قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى، شۇنداقلا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، پۈتۈن رايون ساياھىتى، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتتى. 2012 - يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشقا قويۇپ، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ئالتە چوڭ كەسىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، 80 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، دۆلەت شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، پەقەت 2017 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدە يېڭىدىن 350 مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى. قەشقەر ۋىلايىتى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پائال تۈردە ئالاقىدار كارخانىلارنى باغچە رايونىدا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى ۋە يېتىلدۈردى ھەم يېزا - كەنت ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغىچە ئۇزارتتى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، بۇ ۋىلايەتتە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسىدىن 210ى بار بولۇپ، 16 مىڭ 700 ئادەمنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، تۈرلۈك باغچە رايونلىرىغا ماكانلاشقان سانائەت كارخانىسى 1406 بولۇپ، 84 مىڭ 100 ئادەمنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئاقسۇ ۋىلايىتى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كارخانىلىرى بىلەن كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ بىرلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، 32 مىڭ 400 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا - كەنتلەردە «ھەمراھ زاۋۇت» «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» قۇرۇپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئەمگەك ئىشلىرى ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىغا يار - يۆلەك بولۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، كەسىپ (سانائەت) باغچە رايونىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيە ۋە بىڭتۇەندىكى تۆت ئېغىر نامرات تۇەن - چاڭغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى يولغا قويدى، 2018 - يىلىدىن 2020 - يىلى 6 - ئايغىچە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى جەمئىي 221 مىڭ ئەمگەك كۈچىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. قەشقەر، خوتەن ئىككى ۋىلايەتتە، شەھەر، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچ يىللىق يىرىك پىلانىنى يولغا قويۇپ، 2017 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، جەمئىي 135 مىڭ ئادەمنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى. پۈتۈن شىنجاڭدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار ۋە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرگە قارىتا ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش ۋە تۈرگە ئايرىپ دەل جايىدا ياردەم بېرىش - يۆلەشنى يولغا قويۇپ، «بىر ئائىلە كۆرۈلسە، شۇ ئائىلىنى بېكىتىش، شۇ ئائىلىگە ياردەم بېرىش - يۆلەش، شۇ ئائىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شەھەر، بازارلاردىكى جەمئىي 334 مىڭ 300 ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى 24 سائەت ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى، ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلىش پىلانى، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» پىلانى، ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئاتلاندۇرۇش پىلانى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، كارخانىلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلىدى ۋە ئىلھاملاندۇردى. 2019 - يىلى، شىنجاڭدىكى شۇ قاراردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %90.36كە يەتتى، ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ شىنجاڭغا قايتقان شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %95.08كە يېتىپ، ھەممىسىدە تارىخىي رېكورت يارىتىلدى.

يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنى قوللاپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولدى. يېڭىلىق يارىتىشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشنىڭ يېڭى موتورى قىلىپ، قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بازار ئىجازىتى بوسۇغىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلى ۋە ياردەم ئۆسۈمى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ياردەم تولۇقلىمىسى، باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارزۇسى بار، شارائىتى بار ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بەردى. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋاسىتىسىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بازارلاشقان، كەسىپلەشكەن، توپلاشقان، تورلاشقان ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى ۋە باراۋەرلەشكەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن بەشنى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك(بىڭتۇەن دەرىجىلىك) ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدىن 27نى قۇردى، كىچىك، ئۇششاق كارخانىدىن جەمئىي 1412نى يېتىشتۈرۈپ، 10 مىڭ 121 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىگىلىك تىكلەش كارخانىلىرى ۋە باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، قوللاپ، «ئالاقە تورى+ ئىگىلىك تىكلەش»نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىش ئېففېكتىنى جارى قىلدۇردى. 2019 - يىلى، پەقەت خوتەن ۋىلايىتىلا ئىگىلىك تىكلەش كېپىللىك قەرز پۇلىدىن 910 مىليون يۈەن تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، يېزا ئەمگەك كۈچلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار قاتارلىق 12 مىڭ 500 كىشىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى. سانجى شەھىرىدىكى شياۋ مىن قاتارلىق ئالتە ئايال شۇ جايدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىنىڭ يار - يۆلەك بولۇشى بىلەن، شىنجاڭ جىنگو جۇڭشىن ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، تەدرىجىي ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمىتى، ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش، ئارقا سەپ ئىشلىرىنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇش، سىياسەت جەھەتتە مەسلىھەت بېرىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك كەسىپلەرنى بىر گەۋدە قىلغان ئەمگەك ئىشلىرى كەسىپ - تەمىنلەش زەنجىرىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى، ھەر مىللەتتىن بولغان 4800دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىسى بار بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 318 كارخانا، كەسپىي ئورۇننى ئەمگەك ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشسىزلار، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن جەمئىي 30 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 156 مىليون يۈەنگە يېتىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشنى كۆزلەپ، ئالىي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنلىرى، ئوتتۇرا كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرى، ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەش مەركەزلىرى، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنى تەربىيەلەش مەركەزلىرى، كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركەزلىرى قاتارلىق كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئاساسىي ئەمگەك ساپاسى بويىچە تەربىيەلەش ۋە زاكاز قىلىش، ئىش ئورنىنى بېكىتىش، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. خوتەن ۋىلايىتىنى مىسالغا ئالساق، 2019 - يىلى جەمئىي 103 مىڭ 300 دېھقان - چارۋىچى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتناشتى، 98 مىڭ 300 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %95.16كە يەتتى.

تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى. شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەر - ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەيدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورۇنلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىچكىرى رايونلاردىكى ئۆلكە(شەھەر)لەرگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پائال شارائىت يارىتىپ بەردى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، 117 مىڭ ئادەم كىرىمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئىچكىرى رايونلاردىكى ئۆلكە(شەھەر)لەرگە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى. شىنجاڭ «ئېھتىياجغا قاراپ تەربىيەلەش، ئاۋۋال تەربىيەلەپ، ئاندىن چىقىرىش پىرىنسىپى» بويىچە، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرى، شەھەر تۇرمۇشى ساۋاتلىرى، ئەمگەك ماھارىتى قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىشقا ئورۇنلاشقان جايغا بارغاندىن كېيىن، كارخانىلار ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يوتقان - كۆرپە، يۇيۇش - چايقاش بۇيۇملىرى قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئىشلەمچىلەرنىڭ ياتاق شارائىتىغا كاپالەتلىك قىلدى. قىسمەن ئۆلكە(شەھەر)لەردىكى كارخانىلار يەنە ئىشلەمچىلەرنى ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، ئەر - خوتۇن ئۆيى بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۈچۈن باشقا جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىپ، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ شۇ جايدا كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ئىچكىرى رايونلاردىكى ئۆلكە(شەھەر)لەر ۋە كارخانىلار يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى يەسلىگە كىرگۈزۈش، مەكتەپتە ئوقۇتۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، ئىشلەمچىلەرنىڭ شۇ جايدىكى ئامما بىلەن ئورتاق ئىشلەش، ئورتاق ئۆگىنىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق كۆڭۈل ئېچىشىغا تۈرتكە بولدى.

يۇقۇم قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرگە قارىتا، شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك، قاراتمىلىقى بولغان باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، سودىنى، بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە كەسىپ ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈردى. 2020 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى جەمئىي 7 مىليارد 553 مىليون يۈەن كېمەيتىلدى، كەچۈرۈم قىلىندى، چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردىن 1 مىليارد 895 مىليون يۈەن ھەقنى يېرىم كېمەيتىپ ئالدى، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان 5 مىليارد 658 مىليون يۈەن ھەقنى تولۇق كەچۈرۈم قىلدى. قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنىڭ 706 مىليون يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشنى تەستىقلاپ، 1237 كارخانىغا نەپ يەتكۈزدى. 83 مىڭ 100 كارخانىغا 904 مىليون يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، 1 مىليون 836 مىڭ 100 ئىشچى - خىزمەتچىگە نەپ يەتكۈزدى. 552 مىڭ 400 ئادەم 1 مىليارد 695 مىليون يۈەن تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى. شەھەر، بازارلاردا 339 مىڭ 700 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، 41 مىڭ 800 ئادەم يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەپ، 69 مىڭ 500 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان خادىملاردىن 31 مىڭ 600 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى. يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچىدىن 2 مىليون 565 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %46.1 ئاشتى. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش شارائىتىدا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.

ئۈچىنچى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلدى

شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر ئەمگەكچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىش ئورنىنى ئېچىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆزى ئىگە بولۇپ، ئۆزى ئىختىيار قىلىپ، كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئەمگەك كۈچى بايلىقى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىشسىزلىقنى ئىستاتىستىكا قىلىش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئەمگەك كۈچى بايلىقىنى نۇقتا بېكىتىپ كۆزىتىش - ئۆلچەش، كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىشىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىدىكى تەمىنلەش - ئېھتىياج ئەھۋالىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى يولغا قويۇپ، ئىشسىزلىقنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، يېزا - بازار(كوچا)لاردىكى ئەمگەك كاپالەت ئورنى، كەنت (مەھەللە)لەردىكى ئەمگەك كاپالەت خىزمىتى پونكىتىغا تايىنىپ، تەۋەلىكىدىكى ئەمگەك كۈچىنىڭ سانى، يېشى، جىنسى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى ئېنىقلاپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە يىرىك پىلانىنى تۈزدى. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچى 2 مىليون 590 مىڭ 300 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكىسى 1 مىليون 654 مىڭ 100 ئادەم بولۇپ، %63.86نى ئىگىلىگەن.

ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلىدى. تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى تەكشۈرۈشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقان جايى، ئىش ئورنى، ئىش ھەققى تەمىناتى، خىزمەت شارائىتى، تۇرمۇش مۇھىتى، تەرەققىيات ئىستىقبالى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تىرىشىپ ئادەم بىلەن ئىش ئورنىنى دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. تەكشۈرۈلۈشىچە، 2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى گۈلباغ بازىرى ئويباغ كەنتىدە جەمئىي 3540 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار 1509 ئادەم ئارىسىدا، 1288 ئادەمنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار بولۇپ، %85نى ئىگىلىگەن. بۇ ئادەملەر ئارىسىدىكى 923 ئادەم زاۋۇت سېخلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلغان، ئوتتۇرىچە ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ 5000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان؛ 365 ئادەم سىرتلارغا چىقىپ نان يېقىش، يېمەك - ئىچمەك، قۇرۇق مېۋە تىجارىتى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى قويۇش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئارزۇ قىلغان. 2019 - يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرىنىڭ ئۈچ كەنتىدە جەمئىي بار بولغان نوپۇس 5307 ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار بولغان 1699 ئادەم ئارىسىدا 1493 ئادەمنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار بولۇپ، %88نى ئىگىلىگەن؛ 180 ئادەم ئۆز جايىدا قېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئارزۇ قىلغان، يېزا - بازار كارخانىلىرى ياكى كەنت قۇرغان زاۋۇت، نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلغان، ئوتتۇرىچە ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ 3000 يۈەن ئەتراپىدا بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان؛ باشقا 26 ئادەم ئۆز جايىدا ئىگىلىك تىكلەپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى، مۈلۈك باشقۇرۇش، ئائىلە مۇلازىمىتى، بىناكار قۇرۇلۇش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش، يېمەك - ئىچمەك، سودا - ساراي، تاللا بازىرى قاتارلىقلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئۈمىد قىلغان. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئىگىلەش ئارقىلىق، خاسلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇقىملىقى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلدى. كەڭ دائىرىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، ئىش ئورنى تەمىنلەش - ئېھتىياج ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، رەتلەپ، ئۇچۇرلاشقان تېخنىكا ۋاسىتىلىرىگە تايىنىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى سۇپىسى، رادىيو، تېلېۋىزىيە، كەنت - مەھەللە تەشۋىقات تاختىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ۋاقتىدا ئاشكارا ئېلان قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئەركىن كەسىپ تاللىشىنى ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. مەسىلەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى كۆزنەك تور پونكىتى، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىقلارنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىش ئورنى ئۇچۇرى ۋە خىزمەت ئىزدەش ئۇچۇرىنى مەركەزلىك ئېلان قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىلەر ئارىسىدا قوش يۆنىلىشلىك تاللاش سۇپىسى بەرپا قىلدى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ۋىلايەت تۈرلۈك خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش يىغىنىدىن 621 مەيدان قېتىم تەشكىللەپ، 4953 كارخانىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، 145 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 38 مىڭ 600 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئايكۆل بازىرىدىكى نامرات ئاھالە ھەبىبۇللا مامۇت تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئارقىلىق خاڭجوۋدىكى بىر ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كارخانىسىنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش ئۇچۇرىنى ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىشقا قاتناشتى، قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن شۇ يىللىق كىرىمى 55 مىڭ يۈەن بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. تەمىنلەش - ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە يۈزلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان، قاتلام، دەرىجىسى ئېنىق بولغان، فۇنكسىيە جەھەتتە بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇقىرى - تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىدىغان بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش - ئىشسىزلىقنى تىزىملاش، كەسىپ جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كەسىپ تونۇشتۇرۇش، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق ئاساسىي ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى 144كە، تۇەن - چاڭلاردىكى ئەمگەك كاپالىتى بويىچە بېجىرىش ئاپپاراتى 149غا، ئاساسىي قاتلام ئەمگەك كاپالىتى پونكىتى، ئورنى 8668گە يېتىپ، شۇ يىلى تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن جەمئىي 21 مىليون 728 مىڭ 400 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەمىنلىدى.

مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بەردى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، زوراۋانلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى قانۇنسىز ھالدا جىسمانىي ئەركىنلىكنى چەكلەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، ھەمدە ئەمگەكچىلەرنى ھاقارەتلەش، تەن جازاسى بېرىش، ئۇرۇش، قانۇنسىز ئاختۇرۇش ۋە قاماپ قويۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق چەكلىدى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بەردى؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈردى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دائىملاشقان ئەمگەك قانۇن ئىجراسى تەكشۈرۈشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، يۈرۈشتۈرۈش، نازارەت قىلىش، مۇرەسسە قىلىش - بىر تەرەپ قىلىش جەريانىنى قانۇنچىللىشىش يولىغا سېلىپ، بارلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بەردى.

تۆتىنچى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈردى

پۇقرالارنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدىيەسى ۋە نىشانى. شىنجاڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك توختامى قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارنىڭ روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيە نىزامى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» قاتارلىق يەرلىك نىزام، قائىدىلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشىنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئەمگەكچىلەرنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پۇقرالارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى باراۋەر قوغداشتىن ئىبارەت قانۇنچىللىق پىرىنسىپى بويىچە، ئەمگەكچىلەرنىڭ مىللەت، رايون، جىنس، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن كەمسىتىلمەسلىكىگە، شەھەر - يېزا، كەسىپ، سالاھىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، شىنجاڭ ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا توسالغۇ بولىدىغان توسۇقلارنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، ئاياللارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى تۈزۈپ يولغا قويدى. 2019 - يىلى، شەھەر - بازارلاردا 480 مىڭ 900 ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاياللار 228 مىڭ 100 بولۇپ، %47.43نى ئىگىلىدى. مېيىپلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياردەم خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ نىسبەت بويىچە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، مېيىپلەرنىڭ يەككە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بەردى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 183 مىڭ 700 مېيىپنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يېشىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار مېيىپلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %59.37ىنى ئىگىلىدى.

ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەققە ئېرىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. دۆلەتنىڭ كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى نورمال ئۆستۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى سىياسەت، تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقى تۈزۈمى ۋە ئەمگەك كۈچى بازىرىدىكى مائاش يېتەكچى باھا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، شىنجاڭ ھەر يىلى كارخانىلارنىڭ مائاش يېتەكچى سىزىقىنى تۈزۈپ بېكىتتى ھەم ئېلان قىلدى. ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەڭ تۆۋەن ئايلىق مائاش ئۆلچىمىنى 2013 - يىلىدىكى 1520 يۈەندىن 2018 - يىلىدىكى 1820 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، %19.74 ئاشۇردى، بۇ، مەملىكەت بويىچە بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇردى. «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانا مائاشىنى كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى» قاتارلىق يەرلىك نىزاملارنى چىقىرىپ، مائاشنى كوللېكتىپ كېڭىشىشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتتى ھەم قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. مائاش چىقىم كاپالىتى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگەك ھەققى بېرىشنى رەت قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، بىر تەرەپ قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاش، ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق سومما بويىچە ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ئەمگەكچىلەرنىڭ ئارام ئېلىش - دەم ئېلىش ھوقۇقى ۋە كەسىپ بىخەتەرلىكى ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەر ھەر كۈنى سەككىز سائەت، ھەپتىدە 40 سائەت ئىشلەيدىغان ئىش ۋاقتى تۈزۈمىنى يولغا قويدى. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئېھتىياجى بىلەن ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتسا، جەزمەن قانۇن بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئەمگەكچىلەر بىلەن كېڭەشتى ھەم دەم ئېلىش ۋاقتىنى تولۇقلاپ بەردى ياكى مۇناسىپ ھەق بەردى. ئەمگەكچىلەرنىڭ چاغان، روزا ھېيت، قۇربان ھېيت قاتارلىق قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش ۋە ئارام ئېلىش كۈنلىرىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت ئارام ئېلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلدى. دۆلەتنىڭ كەسىپ بىخەتەرلىكى، سەھىيە قائىدىسى ۋە ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە كەسپىي ساغلاملىق قانۇن ئىجراسى تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ زور چەكتە تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە ئازايتتى، كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىللىرىنى تۈپتىن تىزگىنلىدى ۋە تۈگەتتى.

ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە شەھەرگە كىرگەن ئىشلەمچىلەر، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار، يېڭى كەسىپ ھالىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ ۋە يېتەكلەپ، كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇردى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر شىنجاڭدا ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق، ئىشتا يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا 22 مىليون 133 مىڭ 300 ئادەم قېتىم قاتناشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك ئەمگەك كاپالىتى رېۋىزىيە ئاپپاراتلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئەمگەك كاپالىتىگە دائىر قانۇن، نىزام، قائىدىلەرگە خىلاپ قىلمىشلار توغرىسىدىكى پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشماسلىق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرماسلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تۈزىتىپ ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغدىدى.

ئەمگەكچىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش قاتارلىق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى قانۇنى» «دىن ئىشلىرى نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملارنى قاتتىق ئىجرا قىلدى. ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويمىدى. قانۇن بويىچە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، ئاز سانلىق مىللەت ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى، ئەمگەكچىلەر قايسى تىل - يېزىقنى قوللىنىشنى ئۆز ئالدىغا تاللاپ پىكىر ئالماشتۇرسا بولىدۇ. ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ياخشى خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بەردى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسىدىكى تۇقالى تۇرغانباي مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەك ئادىتى بار شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت، شۇنداقلا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما، ھازىر گۇاڭدۇڭدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ئىلگىرى يېمەك - ئىچمەككە كۆنەلمەسلىكتىن، ناماز ئوقۇيدىغان جاينىڭ بولماسلىقىدىن ئەنسىرىگەنىدى، لېكىن خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، زاۋۇتنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئىنتايىن ئازادە، مۇسۇلمانچە يېمەك - ئىچمەكلىرىنىڭ ناھايىتى تەملىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ئارام ئالغان ۋاقىتلىرىدا كوچا ئايلىنىپ نەرسە سېتىۋالدى، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن سىنلىق پاراڭلاشتى، يەنە يېقىن ئەتراپتىكى مەسچىتكە بېرىپ دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشالىدى، شۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تېزلا يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىپ كەتتى.

ھەقىقىي تۈردە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ۋە قۇتقۇزۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتتى. ئەمگەك توختامى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتى، مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ھۆكۈمەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە كارخانا تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى كېڭىشىدىغان ئۈچ تەرەپلىك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ساھەسىدىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ھەل قىلىپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى پائال بەرپا قىلدى. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. ئەمگەك كاپالىتىنى رېۋىزىيە قىلىش ۋە ئەمگەك تالاش - تارتىشىنى مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەمگەك تالاش - تارتىشلىرىنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلدى. ئەمگەك كاپالىتى قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەپ، قانۇنغا خىلاپ ئېغىر، زور دېلولارنى مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسىپكە تونۇشتۇرۇش، ئەمگەك توختامى، خىزمەت ۋاقتى، ئارام ئېلىش - دەم ئېلىش، مائاش بېرىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى.

بەشىنچى، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش گۈزەل تۇرمۇش ياراتتى

بىر قاتار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت، تەدبىرلىرىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، «ھەممە ئائىلىنىڭ بېيىش يولى بولۇش، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىمى بولۇش» خىزمەت نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى. شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، روھىي قىياپىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، پۇقرالارنىڭ «ھەميانى» بارغانسېرى تومپايدى، كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى، كۆڭلى بارغانسېرى ئازادىلىككە تولدى، تەبەسسۇمى بارغانسېرى جىلۋىلەندى.

ئائىلە كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى. مەيلى شىنجاڭ ئىچىدە ياكى باشقا ئۆلكە(شەھەر)لەردە ئىشقا ئورۇنلاشقان بولسۇن، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ھەممىسى مۇقىم ئەمگەك ھەققىگە ئېرىشتى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، باشقا ئۆلكە(شەھەر)لەرگە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ يىللىق كىشى بېشى كىرىمى تەخمىنەن 40 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقان جايدىكى شەھەر - بازارلاردىكى دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشى كىرىمى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشكەن. شىنجاڭ ئىچىدە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرنىڭ يىللىق كىشى بېشى كىرىمى تەخمىنەن 30 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئائىلىسىدە دېھقانچىلىق قىلغان كىرىمىدىن خېلىلا يۇقىرى بولغان. مەسىلەن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى چارباغ يېزىسىدىكى ئەرافات ئەخمەتجان ئائىلىسىدە دېھقانچىلىق قىلغاندا پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى، 2017 - يىلى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ نەنچاڭ شەھىرىدىكى بىر ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كارخانىسىغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، ئۈچ يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا 160 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلدى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى ئۇششاقباش بازىرىدىكى مەمتىمىن تۇرامەت ئائىلىسىدە دېھقانچىلىق قىلغاندا يىلىغا ئاران نەچچە مىڭ يۈەنلا كىرىم قىلاتتى، سانجى ئوبلاستىدىكى بىر كارخانىدا ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئايلىق كىرىمى 4000 يۈەندىن ئېشىپ، تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، يېڭى ئۆي سالدى، خوتۇن ئالدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسى غورۇچۆل بازىرىدىكى ئامىنە راخمان ئەر - خوتۇن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىگە تەۋە ئىدى، 2018 - يىلى 3 - ئايدا يېزىلىق ئەمگەك كاپالەت ئورنى ئېلان قىلغان تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى كۆرگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىشقا قاتنىشىپ، جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جيۇجياڭ شەھىرىدىكى بىر شىركەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى، ئىككىسىنىڭ ئايلىق كىرىمى تەخمىنەن 9000 يۈەن بولۇپ، نۆۋەتتە قەرزىنى قايتۇرۇپ بولۇپلا قالماي، يەنە 90 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئامانەت پۇلى بار بولدى.

تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. جاپالىق ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئامما قورساق تويغۇزۇشتىن ياخشى يېيىشكىچە، ئىسسىق كىيىنىشتىن چىرايلىق كىيىنىشكىچە، ئېشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ مېڭىشتىن زامانىۋى قاتناش قورالىدا سەپەرگە چىقىشقىچە، تۇرمۇشتا ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىرىشلەر ئەكس ئەتتى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى ئۈژمە يېزىسىدىكى نامرات ئاھالە رەيھانگۈل ئىمىر جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ سىشى شەھىرىگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغاندىن كېيىن، تۆت يىل ۋاقىتتا ئائىلىسىگە 100 نەچچە مىڭ يۈەن پۇل ئەۋەتىپ، يۇرتىدا يېڭى ئۆي سېلىپ، يېڭى ئۆي جاھازلىرى سېتىۋېلىپ، ئائىلىسىنىڭ قىياپىتىنى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى. خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاش بازىرىدىكى ھۈسەن ھەسەن ئىلگىرى پارچە - پۇرات ئىش قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، تۇرمۇشى غورىگىل ئىدى، يۇرتداشلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، 2018 - يىلى 7 - ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر گۆش پىششىقلاش كارخانىسىدا ئىشلىدى، يۈگۈر - يېتىم ئىشلارنى قىلىدىغان ئىشچىلىقتىن باشلاپ ئىشلەپ، جاپالىق ئۆگىنىش، جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق، خىزمەت ماھارىتىنى ناھايىتى تېزلا ئىگىلىدى، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە خوتۇنى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر كىيىم - كېچەك دۇكىنىغا كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ مۇقىم كىرىمى بار بولدى، 2020 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭى ئۆي سېتىۋالدى.

ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ھەر خىل شەكىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ماھارىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى، نۇرغۇن كىشى كارخانىلاردىكى ئىش ئورنى ماھىرى، تېخنىكا تايانچىسىغا ئايلاندى، بىر قىسىم كىشىلەر باشقۇرغۇچىغا ئايلاندى، بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ لوبەن بولدى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى سىيەك يېزىسىدىكى ئامىنە ئوبۇل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئېنېرگىيە كارخانىسىغا كېلىپ ئىشلىگەندىن كېيىن، كۆپ ئىش ئورنىدا چېنىقىپ، ئۈچ يىل ۋاقىتتا كەسپىي تايانچقا ئايلىنىپ، كارخانا تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر خىزمەتچى» بولۇپ باھالاندى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى ئارزۇگۈل ئىسكەندەر ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ چاۋخۇ شەھىرىدىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىدا ئىشلەپ، پېشقەدەم خىزمەتچىلەرنىڭ قولمۇقول ياردىمى، يېتەكلىشى بىلەن، كارخانىنىڭ تېخنىكا ماھىرىغا ئايلىنىپ، ئۇستام بولدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدىكى ئادىلە ئابلەت 2018 - يىلى بېيجىڭ كىيىم - كېچەك شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم بېرىشى - يۆلىشىدە بىر كىيىم - كېچەك شىركىتى قۇردى، 2019 - يىلى 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 40 نەچچە ئايالنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئالتاي شەھىرىدىكى جىبېك نۇرلانقان مېيىپ بولۇپ، داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كەلدى، يەرلىكتىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئۇنى ئىگىلىك تىكلەش كۇرسىغا قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇردى ھەم ئۇنىڭ 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلىشىغا ياردەم بەردى، ئۇ ئاقيىق تۈرلۈك ماللار دۇكىنىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئاساسلىقى قازاق كەشتىچىلىك قول ھۈنەر بۇيۇملىرى تىجارىتى قىلىپ، ئېيىغا 6000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

ئىدىيەۋى قاراش ئۈزلۈكسىز ئۆزگەردى. ئىلگىرى بىر قىسىم ئامما پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرمەيتتى، ئەرلەرنى ئەتىۋارلاپ، ئاياللارنى كەمسىتىش ئىدىيەسى ئېغىر، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى قالاق ئىدى، ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىشقا ئادەتلەنگەنىدى؛ بۈگۈنكى كۈندە «گۈزەل تۇرمۇش ئەمگەككە تايىنىپ يارىتىلىدۇ» «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ» دېگەن ئىدىيە كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ئېڭى، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى، كۈرەش قىلىش روھى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. مەسىلەن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەكىت ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزگەندە، نۇرغۇن ئامما ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرى بويىچە بەس - بەس بىلەن مەسلىھەت سوراپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلىشقا تىزىملاتتى، مەيدان ناھايىتى قىزىپ كەتتى. بىر قىسىم ئامما ئۆزى بىلەن بىر كەنتتىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ قايتىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي پۇل تاپقانلىقىنى، مودا بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، سىرتقا چىقىپ كۆرۈپ باققۇسى، بىرەر ئىش قىلغۇسى، ئۆزىنى ئۆزگەرتكۈسى ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرگۈسى بارلىقىنى بەس - بەستە بىلدۈردى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسى كانچى يېزىسىدىكى ئابلىمىت قېيۇم شىنجاڭ ۋە باشقا ئۆلكە(شەھەر)لەر ئوتتۇرىسىدا بېرىپ - كېلىپ سودا قىلدى، ئۇ دائىم مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھازىرقى ھالىتىمدىن قانائەتلىنىپ قالمايمەن، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۆگىنىپ، گۈزەل زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرىمەن.» خوتەن شەھىرىنىڭ تۇساللا يېزىسىدىكى روزىنىسا ئىمىن 2019 - يىلى 3 - ئايدا فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ جىنجياڭ شەھىرىگە بېرىپ ئىشلەشكە تىزىملاتتى، ئۇ تاپقان پۇلى بىلەن ئائىلىسىنىڭ خاس باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەردى. ئۇنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، ئەمدىلا كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئىنىسىمۇ فۇجيەنگە بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى ئويلىدى.

كىشىلىك ھايات غايىسى ئىشقا ئاشتى. نۇرغۇن كىشى ئۆز ئالدىغا تاللاش ئارقىلىق ئۆزىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تاپتى. ئۇلار يېزىدىن شەھەرگىچە، ئېتىز بېشىدىن ئىشلەپچىقىرىش سېخىغىچە، دېھقاندىن ئىشچىغا ئايلىنىپ، ماھارەت ئۆگىنىپلا قالماي، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى، تېخىمۇ مۇھىمى نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىلىمى، قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر ھازىرقى خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئۈمىدكە تولدى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىدىكى مەمەتتوختى ئىمىنتوختى ئىزچىل ئاشخانا ئېچىشنى ئارزۇ قىلاتتى، 2017 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر ئاشخانىدا شاگىرت بولۇپ، ناھايىتى تېزلا جۇڭگوچە ئۇن تائاملار تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، ئۇستامنىڭ ياردىمىدە بىر ئاشخانا ئېچىپ، خېرىدارلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسى بۆرىتوقاي يېزىسىدىكى پاشاگۈل كېرەم قىزغىنلىق بىلەن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، خۇشاللىق بىلەن باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 500دىن ئارتۇق يۇرتدىشىنى باشلاپ گۇاڭدۇڭغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مۇكاپاتى ۋە «مەملىكەتلىك 1 - ماي ئەمگەك مېدالى»غا ئېرىشتى.

ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەر بىللە ئىشلەپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خۇددى ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللاردەك بىر - بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر - بىرىگە ياردەم بېرىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى. جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى بىر ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كارخانىسى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىن كەلگەن 16 مىللەتتىن بولغان 200گە يېقىن خىزمەتچى قوبۇل قىلدى، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر دائىم بىرلىكتە ناخشا ئېيتىدۇ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ، يىغىلىش قىلىدۇ، نەرسە سېتىۋالىدۇ، ساياھەت قىلىدۇ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بىللە پولۇ، كاۋاپ قاتارلىق ئۆزگىچە ئېسىل تاماقلارنى ئېتىپ يەيدۇ، مۇناسىۋىتى تولىمۇ ئىناق بولۇپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئايال خىزمەتچىسى يوۋ لياڭيىڭ كېۋەز ۋە مېۋە - چېۋە تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، نەچچە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان قۇملۇقنى 17 قېتىم كېسىپ ئۆتۈپ، نەچچە مىڭ ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشىگە قىزغىن ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مىللەتلەر ھېسسىياتىنى كۈچەيتتى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ گۇما ناھىيەسىدىكى دېھقان مەمەتتۇرۇپ مۇساققا شەخسىيەتسىز ياردەم بېرىپ كەلدى، مەمەتتۇرۇپ مۇساق يەنە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇردى، بۇ تەسىرلىك ھېكايە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كەڭ تارقالدى.

ئالتىنچى، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى

شىنجاڭ ئاكتىپ بولغان ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى قوغداپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

خەلقئارا ئەھدىنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلدى. جۇڭگو خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت، دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ، «ئەر - ئايال ئىشچىلارنىڭ ئوخشاش ئىشىغا ئوخشاش ھەق بېرىش ئەھدىنامىسى» «ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رۇخسەت قىلىش ئەڭ تۆۋەن ياش چېكى ئەھدىنامىسى» «بالا ئىشچىلارنى ئەڭ ناچار شەكىلدە ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش ۋە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ تۈگىتىش ئەھدىنامىسى» «ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كەسىپ جەھەتتە كەمسىتىلىشنى تۈگىتىش ئەھدىنامىسى»دىن ئىبارەت تۆت يادرولۇق ئەھدىنامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 26 خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ئىقتىساد، جەمئىيەت ھەم مەدەنىيەت ھوقۇق - مەنپەئەت خەلقئارا ئەھدىنامىسى» «بارلىق شەكىلدىكى ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش خەلقئارا ئەھدىنامىسى» «ئاياللارغا قارىتىلغان بارلىق شەكىلدىكى كەمسىتىشنى تۈگىتىش ئەھدىنامىسى» «قاتتىق جازا ۋە باشقا قەبىھ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياكى كىشىلىك قەدىر - قىممەتكە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان مۇئامىلە ياكى جازانى چەكلەش ئەھدىنامىسى» «بالىلار ھوقۇق - مەنپەئىتى ئەھدىنامىسى» «مېيىپلەر ھوقۇق - مەنپەئىتى ئەھدىنامىسى» «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىش ئەھدىنامىسىنىڭ نوپۇس بولۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلارنى توشۇپ سېتىش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چەكلەش ۋە جازالاش توغرىسىدىكى تولۇقلىما كېلىشىمنامىسى» قاتارلىق خەلقئارا شەرتنامىلەرنى تۈزگۈچى دۆلەت. جۇڭگو خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى پائال قوبۇل قىلىپ ۋە ئايلاندۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش، سىياسەت تۈزۈش ھەم يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئەمگەكچىلەرنىڭ تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، بالا ئىشچى ئىشلىتىشنى قاتتىق چەكلىدى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا قارشى تۇردى، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا كەمسىتىلىشكە قارشى تۇردى، خىزمەت سورۇنىدىكى جىنسىي پاراكەندىچىلىككە قارشى تۇردى، قانۇنسىز ئىشچى ئىشلىتىشنى تۈزەش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەك ساھەسىدىكى تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى جازالىدى. شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات سەۋىيەسىدىكى ئاممىنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى - ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنىڭ تەرەققىي تاپمىغان مىللىي رايونلاردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى.

نامراتلىقنى تۈگىتىش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. نامراتلىقنى تۈگىتىش ئىنسانلار ئىنتىزار بولۇپ كەلگەن غايە، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى «پۈتۈن دۇنيادا بارلىق شەكىلدىكى نامراتلىقنى تۈگىتىش»نى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ بېكىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشكە بولغان جىددىي تەقەززاسىنى ئىپادىلىدى. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارالمىسىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنىڭ بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاللىق سەۋىيەسى ئىكەنلىكىدە، بىرمۇ مىللەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقتا چىڭ تۇردى. شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورىزىم، ئەسەبىزمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش بىلەن بىللە، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، نامرات نوپۇس زور دەرىجىدە ئازايدى، نامراتلىقنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. 2013 - يىلىدىن 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 25 نامرات ناھىيە قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 3107 نامرات كەنت نامراتلىقتىن چېكىندى، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %19.4تىن %1.24كە تۆۋەنلىدى. 2014 - يىلىدىن 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 737 مىڭ 600 ئائىلە، 2 مىليون 923 مىڭ 200 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 2020 - يىلىنىڭ ئاخىرى تولۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق دۇنيا خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يېڭى يولىنى ئىزدەپ تاپتى.

قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلىش تەشەببۇسىغا ئاۋاز قوشتى. بارلىق ئەمگەكچىلەرنى قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم تەشەببۇسى، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈردى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن - ئاخىر ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، «جۇڭگونىڭ قەدىر - قىممەتلىك ئەمگەك دۆلەت پەرقى پىلانى(2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە)»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلىش ئىدىيەسىنى دۆلەت سىياسىتى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا سىڭدۈردى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەمگەك مۇھىتى ۋە شارائىتىنى ياخشىلاش، ئەمگەكچىلەرنىڭ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشقا كۈچەپ، ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەركىن، باراۋەر، بىخەتەر ۋە ئىززەت - ھۆرمەتكە ئىگە شارائىتتا ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ قەدىر - قىممىتى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە ۋە تەلەپلەرگە قاتتىق ئاساسلىنىپ، مەۋقەنى ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، بىر قاتار كۈچلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شەھەر - بازارلاردا تىزىملانغان ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ %3.5تىن تۆۋەن بولۇشىنى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام ۋە تېخىمۇ كەڭ مەنىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

ئاخىرقى سۆز

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى» دەپ تەكىتلىدى. خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ماقۇللىغان «يەر شارىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قارالمىسى»دا: «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ يادروسى» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قەدىر - قىممەت بىلەن ئەمگەك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمگەكچىلەرنىڭ ياشىشى، تەرەققىي قىلىشى، ئائىلىسىنىڭ ئىناق، بەختلىك بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم. شىنجاڭ ئاكتىپ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاساسىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئارزۇسىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە قاندۇردى.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، خەلقئارادىكى بىر قىسىم كۈچلەر ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قارىشى ۋە جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىغا كۆز يۇمۇپ، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتە قوش ئۆلچەم قوللاندى. ئۇلار پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەسىلىسىنى خالىغانچە كۆپتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى خىزمىتىگە قارا چاپلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنى ئايرىۋېتىدىغان، بېكىنمە، قالاق نامرات ھالەتتە مەڭگۈ ياشايدىغان قىلىپ قويۇشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىگە قارىتىلغان ئەكسىيەتچىلىك بولۇپ، ھەققانىيەت، تەرەققىياتنى سۆيىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىشى كېرەك.

كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشقا باشتىن - ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي تۈردە ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى تۈگەتتى. شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى سىياسىتى ھەم ئۇنىڭ ئەمەلىيىتى جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش كۈچلۈك ئارزۇسىغا لايىقلاشقان بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزدى، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشتى، خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقتى.

ئەمگەك تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ، ئەمگەك بەخت يارىتىدۇ. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، شىنجاڭ خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)